جەنۇبىي قىبرىس تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس خرىستودوۋلىدىس (Nikos Hristodoulidis) تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىلىشنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى بارلىق تەرەپلەرگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1237772
جەنۇبىي قىبرىس تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىدرو كاربون مەنبەلىرىنى باشقۇرۇش مەسىلىسىدە قىبرىس تۈركلىرىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكوس خرىستودوۋلىدىس، ئېكونومىست (Economist) ژۇرنىلىنىڭ گىرېتسىيەدە ئۆتكۈزگەن ئەنئەنىۋى كونفېرانسىدا سۆز قىلدى.

ئۇ جەنۇبىي قىبرىسنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش ۋە ئۆزئارا ياخشى ھەمكارلىقنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش بارلىق تەرەپلەرگە پايدىلىق» دېدى.

ئۇ دىيالوگ ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىشتىن باشقا ئېھتىماللىقلارنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «پەقەت تۈركىيە بىلەن دىيالوە ئارقىلىقلا رايوندىكى مەسىلىلەرگە قانداق ھەل قىلىش چارىسى تاپالايدىغانلىقىمىزغا قارار قىلالايمىز. جۇغراپىيەنى ئۆزگەرتەلمەيمىز، رايوندىكى مەسىلىلەرگە رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا مەجبۇرمىز» دېدى.

جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى سۇنغان «ھىدرو كاربون مەسىلىسىدە ئورتاق كومىتېت قۇرۇش تەكلىپى» نى رەت قىلغان ئىدى.

تۈركىيە رايونغا تۆتىنچى بۇرغىلاش پاراخوتىنى ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، فاتىھ بۇرغىلاش پاراخوتى شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى تەۋەلىكىدە؛ بارباروس ھايرەتتىن پاشا پاراخوتى بىلەن ياۋۇز بۇرغىلاش پاراخوتى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرك نېفىت شىركىتى گۇرۇھىغا رۇخسەت قىلغان جايلاردا بۇرغىلاش ۋە تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر