ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىسى رۇسىيە ئىدلىب ھۇجۇمىنى توختاتمىدى

سۈرىيەدە بەششا ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدلىب جىددىيچىلىكىنى پەسەيتىش رايونى چېگرالىرى ئىچىدىكى تۇرالغۇلارغا قىلغان ھۇجۇمىدا، بەش كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1234298
ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىسى رۇسىيە ئىدلىب ھۇجۇمىنى توختاتمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قوللىغۇچىسى بولغان رۇسىيە دوختۇرخانىنىڭ بىر قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنى ۋە پۇقرالار قوغدىنىش مەركىزىنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە رۇسىيەنىڭ ئايروپىلانلىرى بۈگۈن (11-ئىيۇل) ئەتىگەندىن باشلاپ ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىدىكى جىسىر ئەششۇغۇر، خان شەيخۇن ناھىيەسى بىلەن كەفىر يېزىسىنى بومباردىمان قىلدى.

پۇقرالار قوغدىنىش تەشكىلاتىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھاۋا بومباردىمانىدا بەش پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان.

ئۆكتىچىلەرنىڭ ئايروپىلان كۆزىتىش ئۆيى رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا، خان شەيخۇن ناھىيەسىدىكى پۇقرالار قوغدىنىش مەركىزى بىلەن دوختۇرخانىنىڭ بىر قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر ھۇجۇمدا، پۇقرالار قوغدىنىش مەركىزىنىڭ بىناسى ۋەيران بولغان بولۇپ، ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرى توغرىسىدا ئېنىق مەلۇمات ئېلان قىلىنمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر