ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئەسەد بازىلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئەسەدنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلار بىلەن ھەربىي بازىلارنى بومباردىمان قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1227645
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئەسەد بازىلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ  ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى رايونلارنى بومباردىمان قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى سانادا بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، ئىسرائىلىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ پايتەخت دەمەشىقتىكى بەزى مەھەللىلەر بىلەن ھۇمۇس شەھىرىدىكى ھەربىي بازىلارنى بومباردىمان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بومباردىماندا ئەڭ ئاز 4 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ 21 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

بومباردىماندا ئۆلگەنلەر ئىچىدە بىر بوۋاقنىڭ بارلىقىمۇ بىلدۈرۈلدى.

ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى بۇ توغرۇلۇق بايانات بەرمىدى.

ئىسرائىلىيە ئايروپىلانلىرى 12-ئىيۇندا سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بىر ھەربىي بازىنى بومباردىمان قىلغانىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر