بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ئىدلىبكە قاراتقان ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ئىدلىبتە سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونىغا جايلاشقان پۇقراۋى ئولتۇراق مەھەللىلىرىگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا بىر پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1221360
بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ ئىدلىبكە قاراتقان ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پۇقراۋى قوغدىنىش مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەششار ئەسەد كۈچلىرى ئىدلىبتىكى سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونىغا جايلاشقان ئىدلىب ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى خان شەيخۇن ناھىيەسى بىلەن كەفەر باتتىھ يېزىسىغا، شەھەر مەركىزىنىڭ شەرقىدىكى سانائەت رايونىغا ۋە ھاما ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان كەفەر زىتا ھەم لاتامىنە ناھىيەلىرىگ ۋە زاكات يېزىسىغا ھاۋا ھەم قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇملاردا  بىر پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان، بەش پۇقرا يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر