ئەسەد قىسىملىرى ھېيتنىڭ 2 – كۈنىدىمۇ ئىدلىبنى بومباردىمان قىلدى

سۈرىيەدە ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى روزا ھېيتنىڭ 2 – كۈنىدە ئىدلىبتا يىرىكچىلىكنى تۆۋەنلىتىش رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى ئولتۇراق جايلارنى ھاۋادىن قاتتىق بومباردىمان قىلدى.

1213899
ئەسەد قىسىملىرى ھېيتنىڭ 2 – كۈنىدىمۇ ئىدلىبنى بومباردىمان قىلدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: روزا ھېيتنىڭ 2كۈنىدە ئەسەد قىسىملىرى قىلغان ھۇجۇمدا 5 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى.

ئەسەد قىسىملىرى بۈگۈن ئەتىگەن سەھەردىن باشلاپ، ئىدلىبتىكى يىرىكچىلىكنى تۆۋەنلىتىش رايونى دائىرىسى ئىچىدىكى ئەتتۇھ، دەر سۇنبۇل ۋە كەفەر ئەۋىد يېزىلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.

يەرلىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئىدلىبنىڭ كەفەر ئاۋىد يېزىسىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا كۆپىنچىسى كېچىك بالا بولۇپ، جەمئىي 5 پۇقرا ئۆلگەن ۋە نۇرغۇن كىشى يارىدار بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر