ترامپ: ئىران يېقىندا (بىز بىلەن) سۆزلىشىشنى خالايدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئۆزىنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتى ئىچىدە ئىران سىياسىتىگە ئالاقىدار بىرەر دەتالاشنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، «ئىشىنىمەنكى، ئىران يېقىندا (بىز بىلەن) سۆزلىشىشنى خالايدۇ» دېدى.

1202478
ترامپ: ئىران يېقىندا (بىز بىلەن) سۆزلىشىشنى خالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتى بىلەن ئىران ئارىسىدىكى سۈركىلىش كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە، ترامپ ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدىكى ئىران خەۋەرلىرىگە تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق نارازىلىق بىلدۈردى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» ۋە «نيۇ يورك تايمېس» گېزىتلىرىدە يېقىنقى كۈنلەردە چىققان ئىران خەۋەرلىرىنىڭ ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرمەيدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ترامپ، «يالغان خەۋەر ۋاشىنگتون پوچتىسى ۋە يالغان خەۋەر نيۇ يورك تايمېس، ئوتتۇرا شەرقتىكى كۈچلۈك سىياسىتىم توغرىسىدا ئىچكى قىسىمدا بىر جېدەل باردەك خەۋەرلەرنى يازماقتا. ئىچكى قىسىمدا جېدەل يوق. پەرقلىق قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ ۋە مەن ھەل قىلغۇچ قارارنى چىقىرىمەن. ناھايىتى ئاددىي بىر مۇساپە. بارلىق تەرەپلەر، قاراشلار ۋە پوزىتسىيەلەر مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. ئىشىنىمەنكى، ئىران يېقىندا (بىز بىلەن) سۆزلىشىشنى خالايدۇ» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئالدىنقى كۈنى نيۇ يورك تايمېس گېزىتىنىڭ «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئىران تەھدىتىگە قارشى رايونغا 120 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتىشنى پىلانلىماقتا» دېگەن مەزمۇندىكى خەۋىرىنى رەت قىلىپ، «نيۇ يورك تايمېس گېزىتىنىڭ خەۋىرى بولسا، قەتئىي يالغان خەۋەردۇر. (رايونغا ئەسكەر ئەۋەتىش) بۇنى چوقۇق قىلاتتىم، بىراق بۇنداق بىر ئىشنى پىلانلىمىدۇق. پىلانلاشقا مەجبۇر بولۇپ قالماسلىقىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر پىلانلىغان بولساق، بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئەسكەر ئەۋەتەتتۇق» دېگەنىدى.

نيۇ يورك تايمېس گېزىتىنىڭ ئىسمى ئاشكارىلانمىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلارنى مەنبە قىلىپ بەرگەن خەۋىرىدە، ئۆتكەن ھەپتە مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى پاترىك شاناھاننىڭ ترامپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىلىرىگە «ئىران خەۋپىگە قارشى رايونغا 120 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتىش پىلانىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دوكلاتىنى سۇنغان» لىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر