ترامپ: ئوتتۇرا شەرق رايونىغا 120 مىڭ كىشىلىك قوشۇن ئەۋەتىشىمىز يالغان
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دۆلىتىنىڭ ئىران تەھدىتىگە قارشى ئوتتۇرا شەرق رايونىغا 120 مىڭ كىشىلىك قوشۇن ئەۋەتىشىگە ئالاقىدار خەۋەرلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ «‹ New York Times › گېزىتى» تەرىپىدىن ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلىنغان «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىران تەھدىتىگە قارشى 120 مىڭ كىشىلىك قوشۇن ئەۋەتىشكە تەييارلىنىۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەسلىدە مېنىڭ شۇنداق قىلىش نىيىتىم بار ئىدى، ئەمما بىز رايونغا 120 مىڭ كىشىلىك قوشۇن ئەۋەتىش توغرۇلۇق پىلان تۈزمىدۇق، ئەگەر بۇنداق پىلان تۈزگەن بولساق، تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر ئەۋەتكەن بولاتتۇق، بۇنداق بىر پىلان تۈزۈشكە مەجبۇر بولۇپ قالماسلىقىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.»
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ « ئەگەر بۇنداق پىلان تۈزگەن بولساق، تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر ئەۋەتكەن بولاتتۇق» تەرىقىسدىكى باياناتى، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىران بىلەن ھەربىي توقۇنۇشۇش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتمىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ» تەرىقىسىدە ئانالىز قىلىندى.
گەرچە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ «‹ New York Times › گېزىتى» نىڭ خەۋىرىنى يالغان دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئالدىنقى كۈنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىران ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قارشى ھەرقانداق بىر قەدەم تاشلىغان تەقدىردە، بۇنىڭ بەدىلىنىڭ «ئېغىر» بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.