دونالد ترامپ: خىتايغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگو قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلماسلىقىمۇ مۇمكىن

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكا – خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇزاكىرىلىرى ئۇستىدە توختالدى.

1199420
دونالد ترامپ: خىتايغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگو قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلماسلىقىمۇ مۇمكىن

 

دونالد ترامپ مۇنداق دېدى:

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا كەلگۈسىدىكى مۇزاكىرىلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا خىتايغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىمۇ مۇمكىن ياكى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلماسلىقىمۇ مۇمكىن»

دونالد ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابى تىۋىتتېردە ھەممبەرھىرلەشكەن ئۇچۇرىدا، ئامېرىكا خىتاي ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان سودا مۇزاكىرىلىرى ئۇستىدە توختالدى.

دونالد ترامپ ئامېرىكا خىتاي سودا مۇزاكىرىلىرىنىڭ ئىجابىي كېتىپ بارغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئالدىنقى ئىككى كۈن بويىچە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سەمىمىي ۋە ئىجابىي سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. خىتاي پىرېزىدېنتى شى جىنپىڭ بىلەن ئوتتۇرامدىكى مۇناسىۋەت ئىنتايىن كۈچلۈك. كەلگۈسىگە دائىر سۆھبەتلىرىمىز داۋملىشىدۇ. بۇ ئارىلىقتا ئامېرىكا كەلگۈسىدىكى مۇزاكىرىلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا خىتايغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىمۇ مۇمكىن ياكى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلماسلىقىمۇ مۇمكىن» دېدى.

دونالد ترامپ تۈنۈگۈن ئەتىگەن تىۋىتتېردىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھەيئىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرىلەردە تولىمۇ ئاز ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ، 200 مىليارد دوللارلىق خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا %10 دىن قويۇلۇۋاتقان باج نىسبىتىنى %25 گە چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندا ئامېرىكا ۋە خىتاي مەسئۇللىرى ئوتتۇرىسىدا 2 كۈندىن بۇيان داۋاملىشۋاتقان مۇزاكىرلەردىن تېخىچە ھېچقانداق نەتىجە چىقمىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر