ترامپ خىتاي ماللىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى مىقدارىنىڭ ئۆستۈرۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي ماللىرىدىن %25 تاموژنا بېجى ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1195432
ترامپ خىتاي ماللىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى مىقدارىنىڭ ئۆستۈرۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ  ئۆتكەن جۈمە كۈنى 200 مىليارد دوللارلىق خىتاي ماللىرىغا قويۇلغان %10لىك تاموژنا بېجى مىقدارىنىڭ %25كە چىقىرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

دونالد ترامپ تۋىتتېر ئادرېسىدا بۇ ھەقتە مۇنداق يازدى: «خىتاي 10 ئايدىن بۇيان ئامېرىكاغا 50 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ئىلغار تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار ئۈچۈن %25، 200 مىلىيارد دوللار قىممىتىدىكى باشقا مەھسۇلاتلار ئۈچۈن %10 تاموژنا بېجى تۆلەپ كەلمەكتە.»

ئامېرىكا ئىقتىسادىدىكى ياخشىلىنىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرىنىڭ خىتايدىن ئېلىنغان قوشۇمچە باجلار ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن دونالد ترامپ: %10لىك تاموژنا بېجى %25كە ئۆستۈرۈلىدۇ. خىتايدىن دۆلىتىمىزگە كېلىۋاتقان 325 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى باشقا مەھسۇتلاردىن ھازىرغىچە باج ئېلىنمايۋاتىدۇ، لېكىن بۇنى بىز پات يېقىندا %25كە ئۆستۈرىمىز. خىتاي بىلەن سودا مۇزاكىرىلىرى ئۆتكۈزۋاتىمىز، خىتاي تەرەپ مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى داۋاملىق تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالغاچقا بۇ ئىشنىڭ سۈرئىتى تولىمۇ ئاستا بولماقتا، دېدى.

ترامپ بۇرۇنمۇ يېڭى تىجارەت كېلىشىمى ھاسىل قىلىنمىغان ئەھۋالدا 200 مىليارد دوللار قىممتىدىكى خىتاي ماللىرىغا قارىتا يولغا قويۇلغان %10لىك تاموژنا بېجى مىقدارىنى %25كە چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ترامپ بىلەن شى جىنپىڭ بۇلتۇر 1-دېكابىردا ئارگېنتىنانىڭ پايتەختى بۇئېنۇس ئايرېستا چاقىرىلغان گ-20 دۆلەت گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا كۆرۈشكەندە، ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان «سودا ئۇرۇشى»نى 90 كۈنلۈك توختىتىپ تۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشكەنىدى.

بۇ دائىرىدە بېيجىڭدا بۇ يىل 7-يانۋاردىن 9-يانۋارغىچە ئامېرىكا ۋە خىتاي رەھبەرلىرى مۇزاكىرە ئۆتكۈزدى، ئىككى كۈن پىلانلانغان بۇ قېتىمقى مۇزاكىرىنىڭ مۇددىتى بىر كۈن ئۇزارتىلغان بولسىمۇ مۇزاكىرىلەردىن كونكرېت نەتىجە چىقمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر