ترامپ كېڭەش پالاتاسىدىن شىمالىي ماكېدونىيە كېلىشىمىنى تەستىقلاشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ كېڭەش پالاتاسىغا مەكتۇپ يوللاپ، شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى تەكلىپ قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمنى تەستىقلاشنى تەلەپ قىلدى.

1192799
ترامپ كېڭەش پالاتاسىدىن شىمالىي ماكېدونىيە كېلىشىمىنى تەستىقلاشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي پىرېزىدېنت دونالد ترامپ كېڭەش پالاتاسىغا يوللىغان مەكتۇپنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىدى.

پىرېزىدېنت ترامپ مەكتۇبىدا، ئامېرىكا بىلەن ناتودىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ 2019-يىلى 6-فېۋرال بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئىمزالىغان كېلىشىم تېكىستىنى خاتىرىلىتىپ: «شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ ناتوغا قېتىلىش كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى ئۈچۈن كېڭەش پالاتاسىنىڭ تەۋسىيەسىگە ۋە تەستىقىغا سۇنىمەن» دېدى.

ئۇ كېلىشىمنىڭ تەستىقلىنىشى بىلەن شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ ناتوغا قېتىلىشىنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «شىمالىي ماكېدونىيە ئامېرىكا ۋاز كېچەلمەيدىغان خەۋپسىزلىك شېرىكى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى بىۋاستە ئامېرىكا ۋە ناتو ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتىگە پايدىلىق» دېدى.

2019-يىلى 6-فېۋرال ناتونىڭ بىريۇسسېلغا جايلاشقان مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا، شىمالىي ماكېدونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نىكولا دمىتروۋ مەزكۇر كېلىشىمگە ئىمزا قويغان ئىدى. ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ۋە 29 ئىتتىپاقداش دۆلەتنىڭ دائىمىي ۋەكىللىرى مۇراسىمغا قاتناشقان ئىدى.

شىمالىي ماكېدونىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن، ئەزا بولۇش كېلىشىمىنى بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى تەستىقلىشى ۋە بەزى رەسمىي مۇساپىلار تاماملىنىشى كېرەك. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كېلىشىمنىڭ تەستىقلىنىشى ئۈچۈن كېڭەش پالاتاسىغا ئەۋەتىشى مۇھىم قەدەم ھېسابلىنىدۇ.

شىمالىي ماكېدونىيە بۇ مۇساپە ئىچىدە ناتو يىغىنلىرىغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر