رۇسىيە ب د ت مۇقىملىقنى ساقلاش قىسمىغا ئەسكەر ئەۋەتىدۇ

رۇسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇقىملىقنى ساقلاش قىسمىغا 30 نەپەر ئەسكەر ئەۋەتىشنى قارار قىلدى.

1185644
رۇسىيە ب د ت مۇقىملىقنى ساقلاش قىسمىغا ئەسكەر ئەۋەتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:كېيىنكى كۈنلەردە ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە نوپۇزىنى بارغانچە كۈچەيتىپ بېرىۋاتقان رۇسىيە ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇقىملىقنى ساقلاش قىسمىغا ئەسكەر ئەۋەتىشنى قارار قىلدى.

يەرلىك تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە ئېلان خەۋەرلەردە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ قارارى بىلەن 30 رۇس ئەسكىرىنىڭ پات يېقىندا ب د ت مۇقىملىقنى ساقلاش قىسمىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇس ئەسكەرلىرى ئىچىدە ئوفستېرلار، ھەربىي نازارەتچى ۋە ئالاقە مۇتەخەسسىسلىرى بار ئىكەن.

ناۋادا خەلقئارانىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي ۋەزىيىتىدە يۈز بېرىدىغان ئۆزگىرىشلەر ب د ت  تىنچلىقنى ساقلاش قىسمىنىڭ ۋەزىپىسىگە توسالغۇ بولغان تەقدىردە،  رۇسىيەنىڭ ئەسكەرلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىش ھوقۇقى بار.

رۇسىيەنىڭ ۋاگنېر ئىسىملىك خۇسۇسىي ھەربىي شىركىتىگە تەۋە ياللانما ئەسكەرلەرنى ئىشقا سېلىپ،  ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە  نوپوزىنى كۈچەيتىشنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

بۇلتۇر ئىيۇلدا ھەربىي مەسلىھەتچى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ياللانما ئەسكەرلەرنىڭ ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدىكى پائالىيەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان رۇسىيەلىك 3 نەپەر ژۇرنالىست سۇيىقەستكە ئۇچرىغانىدى.


خەتكۈچ: #ب د ت , #رۇسىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر