ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇزاكىرە ئۆتكۈزمەكتە

ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش مەسىلىسى توغرىسىدا رەسمىي مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.

1036123
ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇزاكىرە ئۆتكۈزمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزمەكتە.

ئەنگلىيەلىك مىنىستىر دومىنىك راب ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغان تەقدىردىمۇ، ئەنگلىيەدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقرالىرىنىڭ قوغلاپ چىقىرىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

راب ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ  ئەنگلىيەدە ياشاۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

راب: ئۇلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش ئەخلاقسىزلىقتۇر، دېدى.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ يىل ئىيۇندا ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقرالىرىنىڭ ئەنگلىيەدە ئىزچىل تۇرۇشى ئۈچۈن بىجىرىشكە تېگىشلىك رەسمىيەتلەرنى بىلدۈرگەنىدى.

ئەنگلىيەدە ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇقرالىرىغا ئىقامەت بېرىلىشى ئۈچۈن ئەنگلىيەدە تۇرۇشى، جىنايەت سادىر قىلمىغان بولۇشى ۋە كىملىكىنى ئىسپاتلىشى شەرت ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر