ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن كانادانى ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىشقا چاقىردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېئىتېر نائۇئېرت، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىس توغرىسىدا توختىلىپ، تەرەپلەرنى كىرىزىسنى ھەل قىلىشقا چاقىردى.

1028071
ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن كانادانى ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كانادانىڭ رىيادتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى خالانمىغان ئادەم، دەپ ئېلان قىلىشى ۋە بۇ دۆلەت بىلەن بولغان بارلىق سودا مۇناسىۋەتلىرىنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلىشىنى بويلاپ داۋاملاشقان كىرىزىس توغرىسىدا بايانات بېرىپ، ھەر ئىككى ھۆكۈمەتنى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېئىتېر نائۇئېرت، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىس توغرىسىدا توختىلىپ، «ھەر ئىككى ھۆكۈمەتنى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا چاقىرىمىز. بۇ دىپلوماتىك بىر مەسىلە. سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە كانادا مەسىلىلەرنى بىرلىكتە ھەل قىلالايدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىگە قانۇنىي مۇساپىگە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى تەكلىپ قىلىمىز» دېدى.

نائۇئېرت، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ قىلمىشلار توغرىسىدا مۇنتىزم ھالەتتە كۆرۈشۈۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، «كانادا توغرىسىدىمۇ كۆرۈشتۇق. دوستلار، ئىتتىپاقداشلار. تەرەپلەر مەسىلىلەرنى دىپلوماتىك ئۇسۇلدا ھەل قىلىشى لازىم، بىز ئۇلار ئۈچۈن بۇنى قىلالمايمىز. مەسىلىنى بىرلىكتە ھەل قىلىشلىرى كېرەك» دېدى.

كانادانىڭ، سەئۇدى ئەرەبىستان خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ بەزى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشىغا قارىتا ئېلان قىلغان باياناتلىرى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا دىپلوماتىك كىرىزىس پەيدا قىلغانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تۈنۈگۈن كانادانىڭ رىيادتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى خالانمىغان ئادەم، دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى، دۆلەت تەۋەلىكىدىن چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن 24 سائەت مۆھلەت بېرىلگەنلىكىنى ۋە كانادا بىلەن بولغان بارلىق سودا مۇناسىۋەتلىرىنى توختاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغان، شۇنىڭدەك بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ، كانادا بىلەن مائارىپ، ئوقۇش پۇلى مۇكاپاتى ۋە ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پىلانلىرىنىڭمۇ توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

رىياد دائىرىلىرى يەنە، بۇ دائىرىدىكى قارارلارغا ئىلاۋەتەن سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ 13 – ئاۋغۇستتىن باشلاپ كانادانىڭ تورونتو شەھىرىگە قاتنايدىغان ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توڭلىتىدىغانلىقىنى قەيت قىلغانىدى.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كىرىستىا فرىلاند، رىياد باش ئەلچىسىنىڭ خالانمىغان ئادەم، دەپ ئېلان قىلىنغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر