ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا قىسىملىرى قوماندانى كۇرتىس تۈركىيەگە كېلىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ياۋروپا قىسىملىرى قوماندانى گېنېرال - پولكوۋنىك كۇرتىس سكاپارروتتى تۈركىيەگە كېلىدۇ.

1023765
ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا قىسىملىرى قوماندانى كۇرتىس تۈركىيەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ياۋروپا قىسىملىرى قوماندانى گېنېرال - پولكوۋنىك كۇرتىس سكاپارروتتى تۈركىيەگە كېلىپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ۋە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك ياشار گۈلەر بىلەن ئايرىم – ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدۇ.

ئامېرىكا ياۋروپا قىسىملىرى قوماندانلىقى كۇرتىسنىڭ تۈركىيە زىيارىتى توغرىسىدا ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئۇچرىشىشلاردا ھەر خىل مۇداپىئە مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى كۈچلۈك ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ رايونىنىڭ تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلۇشىغا دائىر يول خەرىتىسى، F-35 قوشما ئۇرۇش ئايروپىلانى لايىھەسى، ۋەتەنپەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ سېتىلىشىغا دائىر مەسىلىلەرنىڭ ئۇچرىشىشتا ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئېلىشى كۈتۈلمەكتە.

كۇرتىس پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئادانادىكى ئىنجىرلىك ھەربىي بازىسىدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى يوقلايدۇ، ئارقىدىن ئىزمىردىكى بىر ھەربىي مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر