ياۋروپا ئىتتىپاقى دېڭىز قوشۇنى قارارگاھىنى ئىسپانىيەگە يۆتكەيدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيەنىڭ ئىتتىپاقتىن ئايرىلىشىدىن كېيىن دېڭىز قوشۇنى قارارگاھىنى ئىسپانىيەگە يۆتكەشنى قارار قىلدى.

1022760
ياۋروپا ئىتتىپاقى دېڭىز قوشۇنى قارارگاھىنى ئىسپانىيەگە يۆتكەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ بۇ ھەقتە چىقارغان قارارىغا ئاساسلانغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى دېڭىز قوشۇنى قارارگاھىنى 2019 – يىلى29 – مارت كۈنى ئەنگلىيەنىڭ نوسۋود شەھىرىدىن ئىسپانىيەنىڭ روتا شەھىرىگە يۆتكەيدىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى دېڭىز قوشۇنىغا قاراشلىق ئافرىقا تۇمشۇقى دېڭىز بىخەتەرلىكى مەركىزى بولسا فىرانسىيەنىڭ پورت شەھىرى برېستكە يۆتكىلىدىكەن.

بۇ ئارىلىقتا، سومالى ساھىللىرىدا دېڭىز قاراقچىلىقىغا قارشى  كۈرەش قىلىشنى نىشان قىلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى دېڭىز قوشۇشى قارارگاھىنىڭ ئاتالانتا ھەربىي ھەرىكەت مۇددىتى بولسا 2020 – يىلى 31 – دېكابىرغىچە ئۇزارتىلدى، ھەربىي ھەرىكەت ئۈچۈن 11 مىليون 777 مىڭ ياۋرو چىقىم ئاجرىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر