مۇقتەدا ئەس سەدىرنىڭ ھەربىي ئىشلار ياردەمچىسى سۇيىقەستكە ئۇچرىدى

ئىراقتىكى ئومۇمىي سايلاملاردا ئۇتۇققا ئېرىشكەن شىئە رەھبەر مۇقتەدا ئەس سەدىرنىڭ ھەربىي ئىشلار ياردەمچىسى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1006394
مۇقتەدا ئەس سەدىرنىڭ ھەربىي ئىشلار ياردەمچىسى سۇيىقەستكە ئۇچرىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەدىرنىڭ ھەربىي ئىشلار يادەمچىسى شۇنداقلا قوراللىق قىسمى «سەرەييا ئەسسالام»نىڭ قۇماندانلىرىدىن شەۋقى ھادداد تۈنۈگۈن نەجەفكە قاراشلىق كوفەدىكى ئۆيىدە كىملىكى تېخىچە ئېنىقلانمىغان كىشىلەرنىڭ ئوققا تۇتۇشى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئىراق ساقچىلىرى ۋەقە ھەققىدىكى تەكشۈرۈشلىرىنى باشلىدى. شىئە رەھبەر مۇقتەدا ئەس سەدىر بۇ ھەقتە تېخىچە بايانات ئېلان قىلمىدى.

مۇقتەدا ئەس سەدىرگە قاراشلىق قوراللىق قىسىم ئىراقنىڭ سالاھىددىن ۋىلايىتى ئەتراپىدا ھەمدە پايتەخت باغداتنىڭ شىمالىدىكى ساماررا رايونىدا ھەربىي مەۋجۇتۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر