ئامېرىكىلىق ئەمەلدار: تۈركىيە، ئىرانغا قارشى مۇۋازىنەت ئورنىتالايدىغان بىردىنبىر دۆلەت

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋېس مىتچېل «تۈركىيە، ئىرانغا قارشى مۇۋازىنەت ئورنىتالايدىغان رايوندىكى بىردىنبىر دۆلەت» دېدى.

987173
ئامېرىكىلىق ئەمەلدار: تۈركىيە، ئىرانغا قارشى مۇۋازىنەت ئورنىتالايدىغان بىردىنبىر دۆلەت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياۋروپا ۋە ياۋرو-ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋېس مىتچېل، ھېرىتېيج ۋەقپىنىڭ «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دېڭىز ھالقىغان مۇناسىۋەتلىرى» ماۋزۇلۇق يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئىستراتېگىيەسى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

مىتچېل تۈركىيەنىڭ رايوندىكى ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، «تۈركىيە، ئىرانغا قارشى مۇۋازىنەت ئورنىتالايدىغان رايوندىكى بىردىنبىر دۆلەت. تۈركىيەنىڭ گېئوپولىتىكىلىق ئەھمىيىتىنى تونۇپ يېتىشىمىز ئۈچۈن قىلىشىمىز كېرەك بولغان يېگانە ئىش خەرىتىگە قاراشتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، تۈركىيەنى غەرب ئىستراتېگىيەلىك سىزىقىدا تۇتۇپ قېلىش مەقسىتىدە بۇ دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى مۇقىم ھالەتكە كەلتۈرۈش يولىدا قەتئىي ئىرادە بىلەن خىزمەت قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى. مىتچېل يەنە، تۈركىيەنىڭ مۇھىم بىر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو ئىتتىپاقدېشى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، «تۈركىيەنىڭ ھەقلىق خەۋپسىزلىك قايغۇلىرى بار، بىز بۇلارنىڭ بەزىلىرىدە ئورتاق قاراشقا ئىگىمىز. بىز تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى خالايمىز، بۇنىڭ كۆپ قىسمى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئۇچرىشىشىدا مۇزاكىرە قىلىندى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر