ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون 22 – ماي كۆرۈشىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جائىن 22 – ماي كۈنى ئاقسارايدا بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

964397
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ بىلەن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون 22 – ماي كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى ساراھ ماندېرس بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جائىننىڭ 22 – ماي كۈنى ئاقسارايدا ئۈچىنچى قېتىم بىر يەرگە جەم بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، ئۇچرىشىشتا، جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جائىن بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ 27 – ئاپرېل كۈنى ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدىن كېيىنكى دىپلوماتىيە باسقۇچى ۋە ئالدىمىزدىكى ھەپتىلەردە دونالد ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇننىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر