رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ؛ ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەر رۇسىيەنىڭ قارار لايىھەسىنى ۋېتو قىلدى

رۇسىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىش مەسىلىسىنىڭ تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلىپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) غا سۇنغان قارار لايىھەسىنى رەت قىلدى.

948656
رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ؛ ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەر رۇسىيەنىڭ قارار لايىھەسىنى ۋېتو قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت  ھەيئىتىنىڭ شەرقىي غۇتەنىڭ دۇما ناھىيەسىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا ئالاقىدار قارار لايىھەسى، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى بېلەت تاشلاشتا دائىمىي ئەزا رۇسىيەنىڭ ۋېتو قىلىشى بىلەن رەت قىلىندى.

قارار لايىھەسى، دۇمادا كەم دېگەندە 40 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ب د ت قارمىقىدا مۇستەقىل بىر تەكشۈرۈش مېخانىزمى قۇرۇپ چىقىش شۇنداقلا ۋە خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىشنى ئەيىبلەش قاتارلىقلارنى مەزمۇن قىلاتتى.

رۇسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋاسىلى نېبېنزىئا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۇنغان قارار لايىھەسىنىڭ «ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋېتىدىغان قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئامىللار» نى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئەسكەرتىپ نارازىلىق بىلدۈرگەنىدى.

رۇسىيە، 7- يىلىنى ئارقىدا قالدۇرغان سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان 12 – قېتىم سۈرىيە قارار لايىھەسىنى ۋېتو قىلغان بولدى.

موسكۋا دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ قارار لايىھەسىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، قارشى مەزمۇندىكى بىر قارار لايىھەسىنى ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بېلەت تاشلاشقا سۇندى. رۇسىيەنىڭ قارار لايىھەسىدە، ب د ت نىڭ پەقەت سۈرىيەدە خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىنىڭ سادىر قىلىنىپ – قىلىنمىغانلىقىنى ئېنىقلاپ ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دوكلات قىلىشىنى ۋە ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىرىنىڭ ب د ت مېخانىزمى تەرىپىدىن ئەمەس، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن ئېنىقلاپ چىقىلىشى تەلەپ قىلىندى.

موسكۋانىڭ لايىھەسىمۇ كېرەكلىك بولغان 9 دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، قوبۇل قىلىنمىدى. رۇسىيەنىڭ لايىھەسىگە 6 دۆلەت قوللاپ، 7 دۆلەت قارشى بېلەت تاشلىدى، 2 دۆلەت بېلەت تاشلاش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى.

ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىر لايىھەنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن، 15 ئەزانىڭ كەم دېگەندە توققۇزىنىڭ قوللاپ بېلەت تاشلىشى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رۇسىيە، خىتاي، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە قاتارلىق دائىمىي ئەزالارنىڭ ھېچبىرىنىڭ ۋېتو قىلىش ھوقۇقىنى ئىشقا سالماسلىقى تەلەپ قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر