ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئىسرائىلىيەنىڭ ۋاشىنگتون باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

947558
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ياشاۋاتقان پەلەسىتنلىك ۋە ئۇلارنى قوللاۋاتقان بەزى يەھۇدىي تەشكىلاتلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ ۋاشىنگتون باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا غەززە رايونىدىكى ۋەقەلەردە 31 پەلەسىتنلىكنىڭ ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشچلار ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەسىتنلىكلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋۋاتقان زوراۋانلىقىغا خاتىمە بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ۋە ېنيامىن نېتېنياھۇغا قارشى شوئارلارنى توۋلاشقان نامايىشچىلار، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىدىكى زوراۋانلىقىنى توختىتىشى ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغىمۇ چاقىرىقتا بولدى.

رايوندا ياشاۋاتقان پەلەسىتنلىكلەردىن سىرت يەنە، «زسىيونىزمغا قارشى» يەھۇدىي گۇرۇپپىلارمۇ قوللىغان نامايىشقا قاتناشقان كىشىلەر، «ياشىسۇن پەلەستىن!» تەرىقىسىدە شوئارلارنى توۋلىغان ۋە تەلەپلىرىنى ئوتتىرىغا قويغاندىن كېيىن تىنچ تارقىلىپ كېتىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر