ئامېرىكىنىڭ يېڭى تاموژنا بېجى بەلگىلىمىسىدىن بىرمۇ دۆلەت كەچۈرۈم قىلىنمايدىكەن

ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ سودا مەسلىھەتچىسى پېتېر ناۋاررو يېڭى تاموژنا بېجى بەلگىلىمىسىدىن بىرمۇ دۆلەتنىڭ كەچۈرۈم قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

922673
ئامېرىكىنىڭ يېڭى تاموژنا بېجى بەلگىلىمىسىدىن بىرمۇ دۆلەت كەچۈرۈم قىلىنمايدىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سىرتتىن كېلىدىغان پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىنلارغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇش قارارىنىڭ ھەممە دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ سودا مەسلىھەتچىسى پېتېر ناۋاررو ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ ترامپنىڭ سىرتتىن ئېمپورت قىلىنىدىغان پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىنلارغا قوشۇمچە تاموژنا باج قويۇش قارارى ئۈستىدە توختالدى.

ئېمپورت قىلىنىدىغان پولات-تۆمۈرگە %25، ئاليۇمىنغا %10 قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇش قارار لايىھەسىنىڭ مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئىمزالىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان ناۋاررو، بۇ قارارنى «جەسۇر لېكىن تولىمۇ مۈشكۈل قارار»دەپ تەرىپلىدى.

ناۋاررو پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىنلارغا قويۇلىدىغان قوشۇمچە تاموژنا باج بەلگىلىمىسىنىڭ پۈتكۈل دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنۇلارنى دېدى: «بۇ باج بەلگىلىمىسىدىن ھېچقانداق دۆلەت كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ،  پىرېزىدېنت بىر قىسىم دۆلەتلەرنى باجدىن كەچۈرۈم قىلسا، قالغان دۆلەتلەردىن تېخىمۇ كۆپ باج ئېلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدۇ، بىر دۆلەت كەچۈرۈم قىلىنسا، باشقا دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى پىرېزىدېنتقا تېلېفون قىلىشقا باشلايدۇ.»

ئاق ساراي سودا كېڭىشى باشلىقى پېتېر ناۋاررو دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى تەنقىد قىلىپ: دۇنيا سودا تەشكىلاتى 160دۆلەتتىن تەشكىل تاپىدۇ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى بىزنى ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدۇ، شۇڭا ئۇ تەشكىلاتتىن مەنپەئەتىمىزگە پايدىلىق نەتىجە چىقىشى تەس، دېدى.

ئامېرىكىنىڭ ئۆز-ئارا مەنپەئەتكە تايانغان ئادىل سودا خالايدىغانلىقىنى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بۇ پىرىنسىپقا ماسلىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ناۋاررو، دۇنيا سودا تەشكىلاتى پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىنلارغا قويۇلىدىغان قوشۇمچە باجلار سەۋەبىدىن ئامېرىكىنى جازالاندۇرغان تەقدىردە، ترامپنىڭ ئامېرىكىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئەزالىقىدىن چېكىندۈرۈپ چىقىش چىقماسلىق توغرىسىدا سورالغان سوئالغا جاۋاب بەرمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر