تۈركىيە – ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا تېخنىكىلىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى  كۈرەش، ئىراق، سۈرىيە قاتارلىق بىرقاتار مەسىلىلەرگە چارە تېپىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان ئۈچ مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىدىن بىرىنچى كومىتېت ۋاشىنگتوندا سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.

920131
تۈركىيە – ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا تېخنىكىلىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننىڭ 15 – 16 – فېۋرال كۈنلىرىدىكى ئەنقەرە زىيارىتىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇشقا ھەسسە قوشۇش، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى  كۈرەش، سۈرىيە ۋە ئىراق مەسىلىلىرىگە چارە تېپىش مەقسىتىدە 3 مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى قۇرۇش قارارلاشتۇرۇلغان ئىدى.

ئاساسلىق ۋەزىپىسى تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش مەسىلىلىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش بولغان كومىتېتنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىگە چارە ئىزدەيدىغان ھەيئەتلىرى 8 – 9 – مارت كۈنلىرى ۋاشىنگتوندا تۇنجى قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.

سۈرىيە كىرىزىسىگە چارە ئىزدەش كومىتېتىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپىنى، تۈركىيەنىڭ فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى مەنبىچ ناھىيەسىنى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د/پ ك ك دىن تازىلاش تەلىپى تەشكىل قىلىدۇ.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇشتا ئالدى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تېگىشلىك مەسىلىنىڭ «مەنبىچ مەسىلىسى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئىگىلىنىشىچە، تەرەپلەر باشقا كومىتېتلارنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى تېخىچە بېكىتمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر