شىمالىي كورېيە خەلقئارالىق يادرو كۈچ سەۋىيەسىگە يەتتى

شىمالىي كورېيەنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن يادرو كۈچىنى ئاشۇرۇش نىيىتىدە ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

879152
شىمالىي كورېيە خەلقئارالىق يادرو كۈچ سەۋىيەسىگە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «KCNA» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، «پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىز، سوتسىيالىست كورېيەنىڭ يېڭى يىلىنىڭ يولىنى بەلگىلەش بىلەن بىرگە كەلگۈسىگە قارىتا پىرىنسىپلىرىمىزنىمۇ ئېلان قىلماقچىمىز. مۇداپىئە كۈچىمىزنى ۋە ئاساسلىقى يادرو كۈچىمىزدىن تەركىپ تاپقان ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم ئىقتىدارىمىزنى ئامېرىكا شۇنداقلا يالاقچىلىرى تەرىپىدىن سېلىنىۋاتقان يادرو تەھدىتلەر قانچلىك داۋاملاشقانسىرى، شۇنچىلىك كۈچەيتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېيىلدى.

باياناتتا، 3 – سىنتەبىردە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ھىدروگېن بومبا سىنىقىنىڭ تولىمۇ نەتىجىلىك بولغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، بۇ سىناق؛ شىمالىي كورېيەنى خەلقئارالىق يادرو كۈچ سەۋىيەسىگە كۆتۈرگەن «ئۇلۇغ زەپەر» دەپ تەرىپلەندى.

باياناناتتا يەنە، «جۇچې ئىدىئولوگىيەسىنى ئاساس قىلغان شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قىلىچىنى مەھكەم تۇتقانلىقى ۋە مۇستەقىللىقىنى، ئادالەتنى شۇنداقلا تىنچلىقنى مۇداپىئە قىلغانلىقى سايىسىدا، ھازىر ئۇزۇتۇش ئالدىدا تۇرغان 2017 – يىلىدا، دۇنياغا تەھدىت بولغان يادرو ئۇرۇشىنى توسۇپ قالدى» دېيىلدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر