تۈركىيەنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى رەھبەرلىكىنى قوللاش لازىم

سۇدان پارلامېنت ئەزالىرى «ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن زور كۈچ چىقىرىشى، بىزلەرنى ھەر قانداق ئەھۋالدا ئەردوغاننى قوللاشقا يۈزلەندۈرمەكتە» دېدى.

875328
تۈركىيەنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى رەھبەرلىكىنى قوللاش لازىم

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان پارلامېنت ئەزالىرى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يولغا قويغان ئىچكى - تاشقى سىياسىتىنى ۋە قۇددۇس مەسلىسى قاتارلىق ئىسلام دۇنياسىغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىكى كۈچلۈك قوللاش پوزىتسىيەسىنى ئالاھىدە مەدھىيەلىدى.

ئەردوغان رەسمىي ئۇچرىشىشلاردا بولۇش ئۈچۈن سۇدانغا يېتىپ بېرىپ پارلامېنتتا نۇتۇق سۆزلىگەندىن كېيىن، سۇدان پارلامېنت ئەزالىرى تۈركىيەنىڭ رايوندا بىخەتەرلىك كاپالىتى بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەنلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە تۈركىيە – سۇدان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

سۇدان ئىسلام ھەرىكىتى رەھبەرلىرىدىن پارلامېنت ئەزاسى ئابدۇلجەلىل نەزىر قارۇرى تۈركىيەدە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بۇيان سۇداننىڭ ئەردوغان يولغا قويغان ئىچكى سىياسەت ۋە ئىقتىسادىي كىرىزىسنى ھەل قىلىش تەدبىرىلىرىدىن ئىلھام ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.  

قارۇرى: «سۇدان خەلقى 13 - دېكابىردا ئىستانبۇلدا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى جىددىي يىغىنى چاقىرغان ئەردوغاننىڭ قۇددۇسنى قانداق كۈچلۈك قوللىغانلىقىنى ئۇنتۇمايدۇ. ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن زور كۈچ چىقىرىشى، بىزلەرنى ھەر قانداق ئەھۋالدا ئەردوغاننى قوللاشقا يۈزلەندۈرمەكتە» دېدى.

سۇدان ئىسلاھات ھەرىكىتى مۇئاۋىن باشلىقى ۋە پارلامېنت ئەزاسى ھەسەن ئوسمان رىزىقمۇ ئەردوغاننىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى سەپلەرنى بىرلەشتۈرگەنلىكىنى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەسلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن دۇنياغا كۆكرەك كىرىپ چىققانلىقىنى ئېيتتى.

ھەسەن ئوسمان رىزىق جۇمھۇر رەئىس ئەردەغاننىڭ تۈركىيەدە دەۋر بۆلگۈچ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دېموكراتىيەنى مەھكەم قوغدىغانلىقىنى مەدھىيەلىدى.

سۇدان پارلامېنت ئەزاسى فەيسەل ياسىنمۇ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكلاتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدىن كېيىن، ئىلگىرى چىچىلاڭغۇ ھالدىكى بىر كۈچنىڭ قايتىدىن بىرلەشمە كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى تىلغا ئالدى.  

فەيسەل ياسىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قۇددۇسقا ئالاقىدار قارارىنىڭ ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ سىياسەتتە ئۈنۈملۈك ھالدا بىرسەپكە كېلىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتكىمۇ كۆرىنەرلىك تەسىرى بولغانلىقىنى ئېيتتى. 

فەيسەل ياسىن «ئەردوغاننىڭ تۈركىيەدىكى ھاكىمىيەت تەجرىبىسى بىلەن ئەرەب دۇنياسىدىكى ھۆرمىتى رايوندىكى دۆلەتلەرنى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغان ئوتتۇرىغا قويغان مۇئەسسىسەلەشكەن دۆلەت مودىلىنى ئۈلگە قىلىپ، ئىجرا قىلىشقا يۈزلەندۈرگۇسى» دېگەن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سۇدان پارلامېنت ئەزاسى مۇھەممەد مۇئتەسىم ھاكىممۇ سۆز قىلىپ، سۇدان ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسىگە قارشى ئوتتۇرىغا قويغان پوزىتسىيەسىنى ئالاھىدە مەدھىيەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.   

مۇھەممەد مۇئتەسىم ھاكىم ھەر ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشى ھەمدە بۇنى ئىقتىساد  ۋە ئىجتىمائىي نۇقتىدىنمۇ تاكامۇللاشقان سەۋىيەگە يەتكۈزىشى كېرەكلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر