پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرىنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى

پاكىستان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سوت مەھكىمىسى سابىق باش مىنىستىر ناۋاز شەرىفنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.

834634
پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرىنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان سوت مەھكىمىسى ناۋاز شەرىف ھەققىدە ئېچىلغان ئىككى قېتىملىق سوتقا قاتناشمىغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.  ناۋاز شەرىف ئايالى داۋالىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈن لوندوندا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، 3-نويابىر ئېچىلىدىغان 3-قېتىملىق سوتقا چوقۇم قاتنىشىشى كېرەك. ئەگەر ناۋاز شەرىف پاكىستان قانۇنى بويىچە 3-نويابىردىن بۇرۇن كاپالەت پۇلى تۆلىگەن تەقدىردە قولغا ئېلىنمايدۇ.

پاكىستان ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى 28-ئىيۇل ئائىلە ئەزالىرىدىن بەزىلىرىنىڭ پاناما ھۆججەتلىرى بىلەن ئاشكارىلانغان چىرىكلىك دەۋالىرىغا چېتىلىپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناۋاز شەرىفنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلاشقا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى يەنە، ناۋاز شەرىفنىڭ بەزى ئائىلە ئەزالىرى ئۈستىدىكى چىرىكلىك دەۋالىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان «ئورتاق تەكشۈرۈش كومىتېتى» توپلىغان ھۆججەتلەرنىڭ ئالتە ھەپتە ئىچىدە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سوت مەھكىمىسىگە ئەۋەتىپ بېرىش قارارىنى چىقارغان ئىدى. ناۋاز شەرىفنىڭ كۈيۈ ئوغلى مۇھەممەد سەفدار بىلەن قىزى مەريەم ناۋاز شەرىف ھەققىدىمۇ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سوت مەھكىمىسىدە سوت ئېچىلغان ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، ناۋاز شەرىفنىڭ ئورنىغا ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ نامزاتى شاھىد خاقان ئابباسى باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر