سۈرىيەدە ئىككى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۆز-ئارا توقۇنۇشتى
سۈرىيەنىڭ راققە رايونىدا دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك -پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ھۇجۇم قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش سۈرىيەنىڭ راققە رايونىدا ئامېرىكا قوللاپ كېلىۋاتقان پ ك ك – پ ي د تېررورچىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى.
دائېش تېررورچىلىرى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى بولغان پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتى مىلىتانلىرى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغان راققە ۋىلايەت مەركىزىنىڭ شەرقىدە ئالدىنقى كېچە پ ك ك - پ ي د تېررورچىلىرىغا شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغانىدى. دائېش تېررورچىلىرى دەسلەپ پ ك ك – پ ي د مىلىتانلىرىنىڭ تىزگىنى ئاستىدىكى مەشلەب رايونىغا، ئارقىدىن راققە سامرا رايونىغا ھەربىي ئاپتوموبىللار بىلەن ھۇجۇم قوزغىدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئىككى چوڭ رايوننى تارتىۋالغان دائېش تەرەپتىن ئونلارچە تېررورچى ئۆلگەن بولسا، پ ك ك –پ ي د تەرەپتىن يۈزلەرچە تېررورچى ئۆلگەن، بەزى مەنبەلەر توقۇنۇشلاردا بىر نەچچە ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭمۇ ئۆلگەنلىكىنى، يارىلانغان ئەسكەرلەرنىڭ پ ك ك –پ ي د تىزگىنى ئاستىدىكى ئاين ئىسا رايونىغا يۆتكەپ كېتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
بۇ يىل 6-ئىيۇندا ئامېرىكىنىڭ قوللىشى بىلەن ھەرىكەت قوزغاپ راققە ۋىلايەت مەركىزىنىڭ تەخمىنەن %80نى تارتىۋالغان پ ك ك – پ ي د تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى، يېقىنقى مەزگىللەردىكى توقۇنۇشلاردا ۋىلايەت مەركىزىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى.
يەرلىك مەنبەلەر ئىككى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈرىيە زېمىنلىرىنىڭ %23ى پ ك ك –پ ي د نىڭ، %14ى دائېشنىڭ چاڭگىلىدا ئىكەن.