گېرمانىيە ئومۇمىي سايلىمىدا مېركېلنىڭ پارتىيەسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى

تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن گېرمانىيە ئومۇمىي سايلىمىدا باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېل رەھبەرلىكىدىكى خىرىستىيان دېموكراتىك بىرلىك پارتىيەسى بىلەن باۋارىيە ئۆلكىسىدىكى قېرىنداش پارتىيە ھېسابلىنىدىغان خىرىستىيان سوتسىيال بىرلىك پارتىيەسى غەلىبە قىلدى.

813313
گېرمانىيە ئومۇمىي سايلىمىدا مېركېلنىڭ پارتىيەسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فېدېراتسىيە سايلام ئورگىنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مۇۋەققەت رەسمىي نەتىجىگە قارىغاندا، خىرىستىيان بىرلىك پارتىيەلىرى ئومۇمىي ئاۋازنىڭ %33 ىنى قولغا كەلتۈرۈپ، سايلامدا بىرىنچى بولغان. بىراق بۇ، 1949 – يىلىدىن بۇيانقى سايلاملاردا مەزكۇر ئىككى پارتىيە قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ تۆۋەن ئاۋاز ھېسابلىنىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، خىرىستىيان دېموكراتىك بىرلىك پارتىيەسى بىلەن خىرىستىيان سوتسىيال بىرلىك پارتىيەسى 2013 – يىلىدىكى سايلاملارغا سېلىشتۇرغاندا، %8.5 چېكىنىپ كەتكەن.

ھۆكۈمەتنىڭ شېرىكى سوتسىيال دېموكراتىك پارتىيەمۇ ئالدىنقى قېتىملىق سايلاملارغا سېلىشتۇرغاندا، %5.2 چېكىنىپ، %20.5 ئاۋازغا ئېرىشتى. بۇ، سوتسىيال دېموكراتىك پارتىيەنىڭ تارىختىكى ئەڭ ئاز ئاۋازغا ئېرىشكەن سايلىمى بولۇپ قالدى.

ئاشقۇن ئوڭچى «گېرمانىيەنىڭ باشقا تاللىشى» پارتىيەسى %12.6 ئاۋازغا ئېرىشىپ، تۇنجى قېتىم فېدېراتسىيە پارلامېنتىغا كىردى. گېرمانىيەنىڭ باشقا تاللىشى پارتىيەسى، 2013 – يىلىدىكى ئومۇمىي سايلامدا %4.7 ئاۋازغا ئېرىشىپ، %5 لىك سايلام ئۆتكىلىنىڭ ئاستىدا قالغانىدى.

ئالدىنقى قېتىملىق سايلامدا %4.8 لىك ئاۋاز نىسبىتى بىلەن سايلام ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمىگەن ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىمۇ بۇ سايلامدا %10.7 ئاۋازغا ئېرىشىپ، تۆتىنچى بولدى. %9.2 ئاۋازغا ئېرىشىپ بەشىنچى بولغان سولچىلار پارتىيەسى بىلەن %8.9 ئاۋازغا ئېرىشكەن يېشىللار پارتىيەسى قايتىدىن پارلامېنتقا كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

سىياسىي پارتىيەلەر سايلام نەتىجىسىنى بۈگۈن مۇھاكىمە قىلىدۇ. باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېل بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدا سۆز قىلىپ، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ دېكابىر ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە تەشكىللىنىپ بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئېيتتى.

ماتېماتىكىلىق نەزەر بىلەن قارىغاندا، ھۆكۈمەت تەشكىللەش ئۈچۈن دېموكراتىك بىرلىك پارتىيەسى - خىرىستىيان سوتسىيال بىرلىك پارتىيەسى - ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى – يېشىللار پارتىيەسى ياكى دېموكراتىك بىرلىك پارتىيەسى - خىرىستىيان سوتسىيال بىرلىك پارتىيەسى – سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىدەك ئىككى خىل ئېھتىماللىقنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلغان مېركېل، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باشلىقى مارتىن شۇلىزنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش ئۈچۈن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئەمەسلىكىنى مەلۇم قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ يەنە، ئاز سانلىقلار ھۆكۈمىتى قۇرۇپ چىقىشقا قارشى ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر