چېگراسىز دوختۇرلار تەشكىلاتى: سەھىيە ساھەسىدە ئېغىر يېتەرسىزلىك بار

چېگراسىز دوختۇرلار تەشكىلاتى، يەمەندە خولېرا باكتېرىيەسىدىن يۇقۇملانغان 82 مىڭ ئادەم بىلەن ئۇرۇشتا يارىلانغان 67 مىڭ ئادەمنى داۋالىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

787929
چېگراسىز دوختۇرلار تەشكىلاتى: سەھىيە ساھەسىدە ئېغىر يېتەرسىزلىك بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چېگراسىز دوختۇرلار تەشكىلاتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، سەھىيە خادىملىرىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىل بەش ئايلىق جەرياندا، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 67 مىڭ يارىدارنى؛ ئاپرېل ئېيىدىن بۇيان بولسا، خولېرا باكتېرىيەسىدىن يۇقۇملانغان 92 مىڭ بىمارنى داۋالىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەمەننىڭ 12 ۋىلايىتىدىكى 40 دوختۇرخانىغا سەھىيە ساھەسى بويىچە ياردەم قىلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ئۇرۇش سەۋەبىدىن سەھىيە ساھەسىدە ئېغىر يېتەرسىزلىكلەرنىڭ كۆرۈلۈۋاتقانلىقى، تېببىي خىزمەتلەردە نۇقسانلارنىڭ بارلىقى، شۇڭا مىليونلارچە كىشىنىڭ ياردەمگە موھتاج ھالەتتە تۇرۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

تەشكىلات، خەلقئارا ئورگانلارنى يەمەن خەلقىگە يار – يۆلەك بولۇشنى كۈچەيتىشكە چاقىردى.

ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار تۈپەيلى، دۆلەت ئىچىدە يۇرت – ماكانىدىن ئايرىلىپ قالغان 3 مىليونغا يېقىن يەمەنلىكنىڭ، پاكىز ئىچىملىك سۈيىنىڭ يوقلۇقى ۋە كېرەكسىز نەرسىلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنماسلىقى نەتىجىسىدە ھەر كۈنى دېگۈدەك خولېرا باكتېرىيەسىنى يۇقتۇرۇۋېلىش خەۋپى ئاستىدا ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

ب د ت، يەمەندىكى خولېرا باكتېرىيەسىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك پۈتكۈل دۆلەت مىقياسىغا كېڭەيگەنلىكىنى، 2 مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ خولېرا يۈزىسىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئۇزۇندىن بۇيان سىياسىي مۇقىمسىزلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان يەمەندە، ھۇسىيلار ۋە ئۇنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەۋاتقان ئاغدۇرۇۋېتىلگەن پىرېزىدېنت ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ تەرەپدارى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى قانۇنلۇق ھۆكۈمەت كۈچلىرى ئارىسىدىكى توقۇنۇشلار، دۆلەتنىڭ بەزى شەھەرلىرىدە داۋام قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر