تۈركىيە ئىران چېگراسىغا سېپىل سوقماقتا

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق تۈركىيەنىڭ ئىران چېگراسىغا سېپىل سوقۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

730541
تۈركىيە ئىران چېگراسىغا سېپىل سوقماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىشىق 13 – نۆۋەتلىك خەلقئارا دۆلەت مۇداپىيەسى سانائىتى يەرمەنكىسىدە قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تۈركىيەنىڭ ئىران چېگراسىدىكى سېپىللەر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىزنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىگە كىرىدۇ. چېگرا رايونىدىن قانۇنسىز ھالدا تۈركىيە تەرەپكە ئۆتۈش قىلمىشلىرى ھەممىمىزگە ئايان، شۇڭا چېگرا رايونىدا بىرقاتار تەدبىرلەرنى ېلىش ھوقۇقىمىز بار، ئىرانمۇ چېگرا رايونىنى % 100 كونترول قىلالماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشىدە تۈرتكلىك رول ئوينايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر