چەت ئەل تاراتقۇلىرى «ئەردوغاننىڭ غەلبىسى»گە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى

دۇنيادىكى نوپۇزلۇق چەت ئەل تاراتقۇلىرى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمدىن چىققان نەتىجىلەر ۋە ئەردوغاننىڭ نۇتىقى توغرۇلۇق خەۋەرلەرگە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى.

714130
چەت ئەل تاراتقۇلىرى «ئەردوغاننىڭ غەلبىسى»گە كەڭ ئورۇن ئاجراتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيانىڭ دىققەت ئېتىبارى تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش رېفېراندۇمىغا بۇرالدى.

تۈركىيەدىكى رېفېراندۇم باشقا كاتېگورىيەلەردىكى خەۋەرلەرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى، چەت ئەل تاراتقۇلىرى رېفېراندۇمنى باشتىن-ئاخىرى كۆزىتىپ تەپسىلىي خەۋەر قىلدى.

نۇرغۇن تاراتقۇلار جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رېفېراندۇم ھەققىدىكى نۇتىقىنى نەق مەيداندىن تارقاتتى.

ئامېرىكىدىكى CNN تېلۋىزىيە قانىلى تۈركىيەنىڭ رېفېراندۇم توغرۇلۇق تۇنجى خەۋەرنى كۆرۈرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رېفېراندۇم توغرۇلۇق بۇ خەۋەرنى «ئەردوغان غەلبىسىنى جاكارلىدى»سەرلەۋھىسى ئاستىدا ئۇقتۇرغان CNN تېلۋىزىيە قانىلى ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنى ۋە خەلققە سۆزلىگەن نۇتىقىنى نەق مەيداندىن تارقاتتى.

CNN  تېلۋىزىيە قانىلى ئەزەربەيجان، قاتار، پاكىستان، ماكېدونىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئوخاش نۇرغۇن دۆلەتنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ ئەردوغاننى تەبرىكلىگەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

ئەنگلىيەدىكى تاراتقۇ ئورگىنى BBC نىڭمۇ تۇنجى خەۋىرى تۈركىيەدىكى رېفېراندۇمغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،خەۋەرنىڭ قىسقچە مەزمۇنى مۇنداق: تۈركلەر جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ جۇمھۇر رەئىسنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى. رېفېراندۇمدا قوللاپ ئاۋاز بەرگۈچىلەر جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمىگە ئالمىشىشنىڭ تۈركىيەنى تېخىمۇ زامانىۋىلاشتۇرىدىغانلىقىنى ياقلايدۇ.

ئەنقەرە بىلەن ئىستانبۇلغا ئۇلىنىپ نەق مەيداندىن تارقىتىش بەرگەن BBC ، رېفېراندۇم نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان  بىلەن باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ نۇتىقلىرىغا كەڭ ئورۇن ئاجراتتى.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپاغا قارىتا يولغا قويىدىغان سىياسىتىگە مەركەزلىشىپ مۇنۇلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «ئانالىزچىلار ئەردوغاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يولغا قويماقچى بولغان سىياسەتلىرى توغرۇلۇق ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بەزى ئانالىزچىلار رېفېراندۇمدىن غەلىبە بىلەن چىققان ئەردوغاننىڭ ياۋروپاغا يۇمشاق سىياسەتلەرنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويسا، بەزى ئانالىزچىلار ئەردوغاننىڭ ياۋروپاغا تېخىمۇ قاتتىق سىياسەتلەرنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.»

ئەنگلىيەدىكى گوردىئان (Guardian) گېزىتى ئەردوغاننىڭ غەلىبە نۇتىقىنىڭ يۇمشاق تەلەپپۇزدا بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيەدىكى لې موندې (Le Monde) گېزىتى ئىنتېرنېت تور بېتىدە رېفېراندۇم توغرۇلۇق خەۋەرنى باش بەتتە ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ غەلبىسىنى جاكارلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

گېرمانىيەدىكى  DeutscheWelle گېزىتىمۇ تۈركىيەدىكى رېفېراندۇمنى باش بەتتە ئېلان قىلدى.

ئىسرائىلىيەدىكى ھارېتىز (Haaretz)گېزىتى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ غەلبىسىنى جاكارلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رېفېراندۇمدا قوللاپ ئاۋاز بەرگەنلەرنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىدىن كېيىن ھاسىل بولغان  داۋالغۇش ۋەزىيەت ۋە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ ئورنىغا، جۇمھۇر رەئىسلىك ھۆكۈمەت تۈزۈمىنىڭ مۇقىملىق ۋە باياشاتچىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى يازدى.

رۇس خەۋەر ئاگېنتلىقى Sputnik رېفېراندۇمدا چىققان قارارنىڭ يېڭى دەۋىرنىڭ خوشخەۋەرچىسى ئىكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.  

رۇسىيەدىكى دۆلەت تېلۋىزىيە قانىلى Russia Today ، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باشقا دۆلەتلەرنى «رېفېراندۇمنىڭ نەتىجىسىگە ھۆرمەت قىلىڭلار»دېگەن چاقىرىقىغا مەخسۇس يەر ئاجراتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر