دائېشنىڭ ئاتالمىش باش مۇپتىسى ئۆلتۈرۈلدى

مۇسۇلنى تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاش ھەرىكىتى جەريانىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئاتالمىش باش مۇپتىسى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

712998
دائېشنىڭ ئاتالمىش باش مۇپتىسى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا دائېشنىڭ ئاتالمىش باش مۇپتىسى ئەبۇ ئەييۇب لەقەملىك ئابدۇللاھ يۇنۇس ئەلبەدرانى شەھەرنىڭ غەربىي قىسمىدىكى جمھۇرىيەت دوختۇرخانىسى ئەتراپىدا ئۆلتۈرۈلگەن، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، مۇسۇلنىڭ غەربىي قىسمىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەر داۋامىدا تەشكىلاتنىڭ لاگېر ئىشلىرى مەسئۇلى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 2 كىشى ئۇجۇقتۇرۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر