دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەيئىتى ئادانادا

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەيئىتى ئىدلىبتىكى خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئاداناغا يېتىپ كەلدى.

707004
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەيئىتى ئادانادا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىدا قازا قىلغاندىن كېيىن مېيىتلىرى ئادانا قانۇن تېبابەتچىلىكى ئورگىنىغا كەلتۈرۈلگەن 3 سۈرىيەلىكنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈش تاماملاندى.

خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان بىرى ئايال 3 سۈرىيەلىكنىڭ جەسىتىنى تەكشۈرۈشكە ئاداناغا كەلگەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەيئىتىمۇ قاتناشتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە رۇسىيەنىڭ قارشى چىقىشى بىلەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىدىن ھېساب سوراش توسالغۇغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، بەزى سۈرىيەلىك ئۆكتىچى ئاممىۋى تەشكىلاتلار جىددىي نامايىش ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى.

بەششار ئەسەد كۈچلىرىنىڭ خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىغا قارشى نىيۇ يوركنىڭ تايمس مەيدانىدىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر