ئاقساراينىڭ مۇئاۋىن كاتىپى ئىستېپا بەردى

ئاقساراي مۇئاۋىن كاتىپىنىڭ پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ يېڭى سالامەتلىك سۇغۇرتاسى قانۇن تەكلىپىگە تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

703056
ئاقساراينىڭ مۇئاۋىن كاتىپى ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاقساراي مۇئاۋىن كاتىپى كېيدى ۋولش سالامەتلىك سۇغۇرتاسى قانۇن لايىھەسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، پىرېزىدېنت دونالد ترامپنى بۇ مەسىلىدە سىرتتىن قوللاۋاتقان تەشكىللىنىشلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن خىزمىتىدىن ئىستېپا بەردى.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ۋولش پىرېزىدېنت ترامپنى قوللايدىغان «ئالدى بىلەن ئامېرىكا سىياسەتلىرى» ناملىق بىر تەشكىلاتقا قاتنىشىدىكەن.

ۋولشنىڭ بۇنداق قارار قىلىشىدا، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا يېتەرلىك قوللاشقا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولغان يېڭى سالامەتلىك سۇغۇرتاسى قانۇن لايىھەسىگە، سىرتتىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مەقسەت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. بىراق، تاراتقۇلاردا يەنە، سالامەتلىك سۇغۇرتاسى قانۇن لايىھەسىدىكى «مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك» تىن كېيىن، ئاقسارايدا يۈز بەرگەن تالاش-تارتىشلارنىڭ ۋولشنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىمۇ قەيت قىلىنماقتا.

ئاقساراينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋولش دەسلەپتە «ئالدى بىلەن ئامېرىكا سىياسەتلىرى» دېگەن تەشكىلاتتا باش مەسلىھەتچى بولۇپ خىزمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ سەھىيە قانۇنىغا تېخىمۇ كۆپ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىكەن.

ئاقساراي باش كاتىپى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «پالاتا ئەزالىرىغا تېلېفون كەلگەندە تېلېۋىزورلاردا مەزكۇر قانۇن تەكلىپىگە مۇناسىۋەتلىك ئېلانلىرىمىز يوق ئىدى، ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، بۇ مەسىلىنى ھېچكىم كېيدىدىن ياخشىراق ھەل قىلالمايدۇ» دېدى.

پىرېزىدېنت ترامپنىڭ باش مەسلىھەتچى ۋە ئىستراتېگىيەچىلىرىمۇ «ۋولشنىڭ ئاقسارايدا ئىنتايىن مۇھىم ئىشلارنى روياپقا چىقارغانلىقى» توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر