ترامپنىڭ پەرمانلىرى ئامېرىكا ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن

دونالد ترامپنىڭ ئارقا-ئارقىدىن چىقارغان پەرمانلىرى ئامېرىكا ئىقتىسادىغا ئىككى يىل ئىچىدە 18 مىليارد دوللار زىيان يەتكۈزۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.

702279
ترامپنىڭ پەرمانلىرى ئامېرىكا ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ كۆچمەنلىك ۋە ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى چەكلەش پەرمانلىرىنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا ئىككى يىل ئىچىدە تەخمىنەن 18 مىليارد دوللار زىيان يەتكۈزۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئامېرىكىدىكى ساياھەت ئىقتىسادىي مەسلىھەت شىركىتى بۇ يىل ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانىدا پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ پەرمانلىرى سەۋەبىدىن 4 مىليون 300 مىڭ كىشىلىك تۆۋەنلەش كۆرۈلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

چەت ئەللىك ساياھەتچىلارنىڭ سانىدىكى تۆۋەنلەشنىڭ ئامېرىكىنىڭ بۇ يىلقى كىرىمىغا 7 مىليارد 400 مىليون دوللار ئاز كىرىم كىرىشىگە سەۋەب بولىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

بۇ شىركەتنىڭ 2018-يىلدىكى لايىھەلىرى دونالد ترامپنىڭ پەرمانلىرىنىڭ تەسىرىنىڭ ۋاقىتلىق بولمايدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە.

دونالد ترامپ ھاكىمىيىتى چىقارغان پەرمانلار ئىجرا قىلىنغان تەقدىردە، ئامېرىكىنى كېلەر يىلى 6 مىليون 300 مىڭ ئاز ساياھەتچىنىڭ ساياھەت قىلىدىغانلىقى ۋە ساياھەت كىرىملىرىنىڭ 10 مىليارد 800 مىليون دوللار تۆۋەنلەيدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.  

دونالد ترامپنىڭ پەرمانلىرىنىڭ ئىككى يىل ئىچىدە 18 مىليارد دوللار ئاز كىرىم بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىقتىسادىي ساياھەت مەسلىھەت شىركىتىنىڭ باشلىقى ئادام سېيكىس مۇنداق دېدى: « دىپلوماتىيە، سودا، چېگرا كونتروللۇقى، ۋىزا سىياسەتلىرىگە ئوخشاش نۇرغۇن ساھەدە تاشلانغان قەدەملەر چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى ئامېرىكىدىن سوۋۇتۇپ قويىدۇ.»

دونالد ترامپنىڭ بۇ يىل 27-يانۋاردا چىقارغان تۇنجى پەرمانى نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولغان سۈرىيە، ئىراق، ئىران، يەمەن، لىۋىيە، سۇدان ۋە سومالى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىنىڭ 3 ئاي ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەشنى مەزمۇن قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا مۇساپىر قوبۇل قىلىش پىروگراممىسىمۇ 4 ئاي توختىتىپ قويۇلغان بولۇپ،  سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنىڭ ئىككىنچى بىر يوليۇرۇق چۈشكۈچە ئامېرىكىغا قوبۇل قىلىنىشى تامامەن توختىتلدى.

ۋاشىنگىتون ئىشتاتى فېدراتىپ سوتچى جېيمىس روبېرت 3-فېۋرالدا دونالد ترامپنىڭ ۋىزا چەكلمىسىگە مۇناسىۋەتلىك پەرمانىنى توختىتىپ قويدى، بۇ ئىشقا قارىتا دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى ئالىي سوتقا ئەرز قىلىپ ئىلتىماس سۇنغان بولسىمۇ، ئالىي سوت ئىلتىماسنى رەت قىلدى.

دونالد ترامپ 6-مارتتا چىقارغان يەنە بىر ۋىزا چەكلەش پەرمانىدىن ئىراق چىقىرىۋېتىلدى،  لېكىن قالغان 6 دۆلەتنىڭ ئىسمىنى شۇ پېتى قالدى.

16-مارتتا يولغا قويۇلماقچى بولغان بۇ يېڭى پەرماننى 15-مارتتا ۋاقىتلىق توختىتىپ قويغان ھاۋاي فېدراتىپ سوتچىسى دېررېك ۋاستون، تۈنۈگۈن  يەنە ئىككىنچى قېتىملىق سوت قارارىغىچە پەرماننىڭ  كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

دونالد ترامپ ھاكىمىيىتى بۇ يىل 21-مارتتا  8 دۆلەتتىكى 10 ئايرودۇرۇمدىن بىۋاستە ئامېرىكىغا قاتنايدىغان ئايروپىلانلارغا چوڭلۇقى يانفوندىن چوڭ بولغان ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلىرىنى ئېلىشنى چەكلەشنى مەزمۇن قىلغان يەنە بىر پەرماننى چىقاردى.

قاھىرە، ئاممان، كۇۋەيت، كازابلانكا، دوخا، رىياد، جىددە، ئەبۇ زەبى، دۇبەي ۋە ئىستانبۇل قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردىن ئامېرىكىغا بىۋاستە  قاتنايدىغان ئايروپىلانلارغا قويۇلغان چەكلىمىنىڭ  ھەر كۈنى 50دەك ئايروپىلان سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر