ئامېرىكا، تىللېرسوننىڭ ئەنقەرە زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون پەيشەنبە كۈنى تۈركىيەگە كېلىپ، پايتەخت ئەنقەرەدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە باشقا ئالاقىدار ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشىدۇ.

700352
ئامېرىكا، تىللېرسوننىڭ ئەنقەرە زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپ ماددىلىرىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تىللېرسوننىڭ تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا (دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە) سۈرىيەنىڭ راققە شەھىرىدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ۋە ھەربىي ھەرىكەتتىن كېيىنكى ئەھۋاللارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

راققەنى بالدۇرراق مۇقىملىققا ئېرىشتۈرۈش مەسىلىسىنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، سۈرىيەدە بۇنىڭدىن كېيىن تاشلىنىدىغان قەدەملەر توغرىسىدا تۈركىيە بىلەن مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىمۇ قەيت قىلىندى.

باياناتتا، (تۈركىيەنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK نىڭ سۈرىيە گۇماشتىسى) ي پ گ  قاراشلىق سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى توغرىسىدىكى سەزگۈرلۈكىگە نەزەرگە ئېلىنغانلىقى ۋە ئۇچرىشىشتا بۇ مەسىلىنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

تىللېرسوننىڭ زىيارىتى جەريانىدا ئەنقەرەنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ قايتۇرۇلۇشى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كۈتۈلمەكتە.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تىللېرسوننىڭ بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنىمۇ ئېلان قىلدى.

رېكس تىللېرسون، ئەنقەرە زىيارىتىدىن بىر كۈن كېيىن ناتو يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلغا بارىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر