رۇسىيەنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە باش مىنىستىرغا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى

رۇسىيەنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە ئۆكتىچىلەر باش مىنىستىر مېدۋېدېۋگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

699726
رۇسىيەنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە باش مىنىستىرغا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەدە ئۆكتىچىلەر موسكۋا ۋە سائىنت-پېتېرسبۇرگ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە نامايىش ئۆتكۈزدى.

پايتەخت موسكۋادىكى نامايىش رۇخسەتسىز ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 500دىن ئارتۇق كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

نامايىشلار پائالىيەتچى ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ باش مىنىستىر دىمىترىي مېدۋېدېۋنىڭ خىيانەتچلىك قىلغانلىقى توغرۇلۇق تەييارلاپ چىققان دوكلاتىنى ئېلان قىلىشى بىلەن تەشكىللەندى.

موسكۋا ساقچىلىرى رۇخسەتسىز نامايىشلار ئۈچۈن كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئالدى.

چۈشكە ئاز قالغاندا، بىر تۈركۈم كىشى شەھەر مەركىزىدىكى تىۋېرسكايا كوچىسى بىلەن پۇشكىن مەيدانىغا يىغىلىشقا باشلىدى.

نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئالېكسېي ناۋالنىي مېترو بېكىتىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ ساقچى ماشىنىسىغا چىقىرىلدى.

نامايىشچىلار ئالېكسېي ناۋالنىيمۇ بولغان ساقچى ماشىنىسىنىڭ مېڭىشىغا توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن توختىتىپ قويۇلغان ئاپتوموبىللار بىلەن يوللارنى توسۇشقا تىرىشتى.

ساقچىلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا يوللارنى بوشىتىپ ئالېكسېي ناۋالنىينى ساقچى ئىدارىسىغا ئېلىپ ماڭدى.

ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا پات-پات سۈركىلىش يۈز بەردى. بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىشقا 8000 كىشى قاتناشقان.

تاس ئاگېنتلىقىنىڭ موسكۋا ساقچى ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلىنىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، 500دىن ئارتۇق نامايىشچى نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر