نىگېرىيە دۆلەت ئارمىيەسى «خاتا»ھالدا 100دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

نىگېرىيە دۆلەت ئارمىيەسى بوكو ھارامغا قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە خاتا ھالدا 100دىن ئارتۇق يەرلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

653683
نىگېرىيە دۆلەت ئارمىيەسى «خاتا»ھالدا 100دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەكشكىلاتى بوكو ھارامغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە، «خاتا ھالدا» مۇساپىرلار لاگېرى جايلاشقان رايوننىڭ بومباردىمان قىلىنىشى نەتىجىسىدە ئەڭ ئاز 100 ئادەم ئۆلدى.

ئارمىيە باياناتچىسى گېنېرال گېن لاكىي ئىرابور ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ شىمالغا جايلاشقان مۇساپىرلار لاگېرىنى خاتا ھالدا بومباردىمان قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.  

كامېرون چېگرىسىغا يېقىن ران رايونىدا سادىر بولغان بومباردىمان قىلمىشىدا نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە خەلقئارا قىزىل كىرىست ۋە چېگراسىز دوختورلار تەشكىلاتلىرى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان بەزى نىگېرىيەلىكلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان گېنېرال ئىرابور، ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدار، ۋەقەدە 100دىن ئارتۇق مۇساپىرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، شۇنداقلا ياردەم خادىملىرىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ ۋەقە نىگېرىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان تۇنجى خاتا بومباردىمان قىلمىشى ئىكەن.

نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا ياشاۋاتقان نىگېرىيەلىكلەر بۇرۇنمۇ دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر