ئامېرىكا قەيسەرى تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا بايانات بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە ئەسكەرلەرگە قىلىنغان خائىنلارچە تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

632748
ئامېرىكا قەيسەرى تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىرباي، قەيسەرىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا بايانات بېرىپ، «قايغۇردۇق ۋە غەزەبلەندۇق» دېدى ۋە «بۇ پەسكەشلەرچە ھۇجۇمنى كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلەيمىز. دوستىمىز ۋە ئىتتىپاقدىشىمىز تۈركىيە بىلەن تېررورلۇققا قارشى ئورتاق كۈرىشىمىزنى مۈرىنى مۈرىگە تىرىگەن ھالدا داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

كىرباي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «دۇئالىرىمىز تېررورلۇق ھۇجۇمىدا شېھىت بولغان ۋە يارىلانغان ئەسكەرلەرنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىرگە» دېدى.

«تېررورچىلارنىڭ تۈرك خەلقىگە قىلغان بۇ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ھۇجۇملىرىنىڭ ھېچقانداق يوللۇق تەرىپى يوقتۇر» دېگەن جون كىرباي، ھۇجۇمغا ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرگە ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر