« ناتودىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىن پاناھلىق تىلىدى»
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ناتودا ئىشلەيدىغانلىقلىرىنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىن پاناھلىق تىلىگەنلىكىنى ئېيتتى.
613650
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەپتە ئاخىرىدا تۈركىيەدە زىيارەتتە بولۇشى كۈتۈلۈۋاتقان ستولتېنبېرگ بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى ناتو قارارگاھىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، تۈركىيەدىكى 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىنى پىلانلىغان بىر قىسىم فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىن پاناھلىق تىلىگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ پاناھلىق تەلىپى ناتو نى ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلار ۋەزىپە ئۆتىگەن ھەربىي بازا جايلاشقان دۆلەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئىش» دېدى.