«فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرى بۇنىڭدىن كېيىن پاكىستاندا پاناھلىنالمايدۇ»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن پاكىستاندا پاناھلىنالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

612656
«فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرى بۇنىڭدىن كېيىن پاكىستاندا پاناھلىنالمايدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ئەردوغان پاكىستان باش مىنىستىرى نااۋاز شېرىف تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىندى.

ئەردوغان بىلەن شېرىف باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى. جۇمھۇر رەئىس ئۇچرىشىشلاردىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن، پاكىستاننىڭ تۈركىيەگە بولغان سەمىمىي دوستلۇقىنى ئىزھار قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ بىزگە بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئاساسەن شۇنداق دېيەلەيمىزكى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرى بۇنىڭدىن كېيىن پاكىستاندا پاناھلىنالمايدۇ. پاكىستان ھۆكۈمىتىگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنداقلا پاكىستاننىڭ بۇ پوزىتسىيەسىىڭ پۈتكۈل قېرىنداش ۋە دوست ئەللەرگە ئۈلگە بولۇشىغا تىلەكداشمەن.»

تۈركىيەنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قالدۇقلىرى بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، پاكىستاندىكى بىر قسىم ژۇرنالىستلارنىڭ پاكىستان گېزىتلىرىدە ئېلان قىلغان «مەسۇم» ئىبارىلىرىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ھالدا مۇنداق دېدى: «چۈنكى ئۇلار بۇ باسقۇچنى بىز بىلەن بىرلىكتە باشتىن كەچۈرمىدى. بۇ باسقۇچتا بىز بىلەن زىچ ھەمكارلاشقان پاكىستان ھۆكۈمىتىگە چىن كۆملۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. نۆۋەتتە بىز بۇ بۇزغۇنچىلار گۇرۇھىنىڭ ئادالەت ئالدىدا ھېساب بېرىشى ئۈچۈن ئىزچىل خىزمەت ئىشلەۋاتىمىز.»

تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە پاكىستان بىلەن ئورتاق تەرەپلىرىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «پاكىستانمۇ ناھايتى ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىگەن بىر دۆلەت. جۈملىدىن پاكىستانمۇ، تۈركىيەمۇ ھازىرمۇ ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەۋاتىدۇ. بىز فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى، پ ك ك، ي پ گ، پ ي د قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كېچە-كۈندۈز كۈرەش قىلىۋاتىمىز. تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە پاكىستاننىمۇ يالغۇز تاشلاپ قويمايمىز. تەجرىبە – ساۋاقلىرىمىز بىلەن داۋاملىق پاكىستانغا ياردەم بېرىمىز» دېدى.

پاكىستان – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۆزى باش مىنىستىرلىق ۋەسىپىسى ئۆتىگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان 14 يىلدىن بۇيان بارغانسېرى كۈچەيگەن ۋە دوستانە ھالدا ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەربىي، ئىقتىسادىي، سودا، سەھىيە، ئېنېرگىيە ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە قويۇق ھەمكارلىق ئورنىتىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2017 – يىلنى كۈتۈۋېلىشتىن بۇرۇن ئەركىن سودا كېلىشىمىنى تاماملاشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇچرىشىشلاردا، كەشمىرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، سۈركىلىشنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ كەشمىرنىڭ كونترول نۇقتىسىدىكى سۈركىلىش ۋە ئادەم ئۆلۈش ئەھۋاللىرىنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ مەسىلە پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا دىيالوگ ئورنىتىلغان ۋە كەشمىر خەلقىنىڭ ئارزۇ – تەلەپلىرى قاندۇرۇلغان ھالدا ھەل قىلىنىشى لازىم. بىزمۇ ھەم دۆلەت بولۇش ھەم ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

تۈركىيەنىڭ قېرىنداش ۋە دوست دۆلەتلەردىن بولغان پاكىستان بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر توغرىلىقمۇ توختالغان ئەردوغان، «پاكىستان بىلەن ئافغانىستان تېررور بالاسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورناتمىسا زادى بولمايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر