بۈگۈن تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش سۈرىيەدە ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى
دائېش مۇداپىئە بازى سۈپتىدە ئىشلەتكەن 2 بىنا ۋە 2 قوماندانلىق مەركىزى ھەمدە بىر ئاپتوموبىل پاچاقلاپ تاشلاندى. قۇرۇغلۇقتىنمۇ دائېشقا تەۋە 73 نىشان توپقا تۇتۇلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن 24 - ئاۋغۇستتا تۈركىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە باشلانغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى دائىرىسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا ئەزا 33 تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلدى.
تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھەرىكەتنىڭ 80 – كۈنىگە قەدەم قويغانلىقى، تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سالۋانىڭ غەربىدە بايقالغان تېررورچىلارنىڭ نىشانلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ھاۋا ھەرىكىتىدە دائېش ئەزاسى 18 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.
دائېش مۇداپىئە بازى سۈپتىدە ئىشلەتكەن 2 بىنا ۋە 2 قوماندانلىق مەركىزى ھەمدە بىر ئاپتوموبىل پاچاقلاپ تاشلاندى. قۇرۇغلۇقتىنمۇ دائېشقا تەۋە 73 نىشان ۋە پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى پ ي د غا تەۋە 2 نىشان توپقا تۇتۇلدى.
بۈگۈنكى توقۇنۇشلاردا قوزغىلاڭچىلاردىن 5 ئەسكەر شېھىت بولدى. 18 نەپەر قوزغىلاڭچى ئەسكەر يارىدار بولدى. قوزغىلاڭچىلار دائېش ئەزاسى 5 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى.
ئىتتىپاقداش قىسىم تەرىپىدىن سالۋا ۋە شۇۋايھات شادىر رايونلىرىدا بايقالغان دائېش ئۇنسۇرلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىش نەتىجىسىدە 10 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىشلىتىۋاتقان 3 بىنا، 1 قوراللىق ئاپتوموبىل ۋە 1 ئايروپىلان سوقار دوچكا بازىسى بىت – چىت قىلىپ تاشلاندى.