ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قىزىل دېڭىزدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇرۇش پاراخوتىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.

587002
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ يەمەن دېڭىز دېڭىزى تەۋەلىكىدە ھۇجۇمغا ئۇچرىشىنى ئەيىبلەپ، «بۇ، خەلقئارا دېڭىزچىلىقىنى خەۋپكە ئىتتىرىدىغان بىر تېررورلۇق ھۇجۇمىدۇر» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتتى.

خەلقئارا دېڭىز يوللىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، دۇنيانىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان بۇ خىل خەۋپلىك ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبلىرى بىلەن مەنبەلىرىنى يوقىتىپ تاشلاش ئۈچۈن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى ۋە دۆلەتلەر ئارا كوردىناتسىيەنى كۈچەيتىش كېرەكلىكى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جېف داۋىس، يەمەندە ھۇسىيلارنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايوندىن ئامېرىكا پاراخوتى تۇرۇۋاتقان جايغا ئېتىلغان ئىككى دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ دېڭىزغا چۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى. ھۇسىيلار بولسا، قىزىل دېڭىزدا ھېچبىر ئامېرىكا پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلمىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر