يېڭى ئاشكارىلانغان 11 يىللىق سەتچىلىك ترامپنى كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇرلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىنىڭ ۋاقتى كۈنسېرى يېقىنلاشماقتا، رىقابەت بارغانچە كەسكىنلەشمەكتە.

585726
يېڭى ئاشكارىلانغان 11 يىللىق سەتچىلىك ترامپنى كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇرلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇرىيەتچى قاناتنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپ ئارقا – ئارقىدىن دەتالاشلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا قېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا؛ ترامپنىڭ بۇ قېتىم بۇنىڭدىن 11 يىل ئىلگىرىكى ئاياللارغا ھۇجۇم قىلىش ۋە ئۇلارنى تۆۋەن كۆرۈش ماھىيىتىدە قىلغان سۆزلىرىنىڭ سىن كۆرۈنۈشلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى.

مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشىدە ترامپ بىلەن تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىنىڭ دىكتورى بىللي بۇش بىر ئاپتوبۇستا كىيىملىرىنىڭ ياقىسىدىكى مىكروفوننىڭ ئوچۇقلۇقىنى ئەستىن چىقىرىپ، سۆھبەتكە چۈشۈپ كېتىدۇ، بۇ ئەسنادا ئاپتوبۇسنىڭ سىرتىكى كامېرا بۇ ئىككەيلەننىڭ سۆزلىرىنى سۈرەتكە ئالىدۇ. سۆھبەت ئەسناسىدا ترامپنىڭ ئېرى بار بىر ئايال بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ھېكايە قىلپ بەرگەنلىكى، ئاياللار ھەققىدە قوپال ۋە نومۇس قىلارلىق سۆزلەرنى قىلغانلىقى ئاڭلىنىدۇ.

سىن كۆرۈنۈشى ئېلان قىلنغاندىن كېيىن دونالد ترامپ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «بۇ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيلىرىدىكى ئوخشاش سۆھبەت ئۇزۇن يىللار ئىلگىرىكى ئىش ئىدى. بىل كىلىنتون گولف توپ ئويناۋېتىپ مېنىڭكىدىنمۇ بەتەر گەپلەرنى قىلغانىدى. ئەگەر ئېغىرىغا كەتكەنلەر بولسا، كەچۈرۈم سورايمەن» دېدى. ئەمما، تراپمنىڭ بۇ باياناتى ئۇنىڭغا قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنى پەرقلىق بىر يۆنىلىشكە ئىتتىردى. ئۇ بۇ قېتىم «كەچۈرۈم سورىشىڭ جىنايىتىڭدىن ئېغىر» دېگەن ئەيىبلەشكە دۇچ كەلدى.

ترامپ مەزكۇر سىن كۆرۈنۈشلىرى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن قىلىنغان «پىرېزىدېنتلىق رىقابىتىدىن چېكىنىپ چىق» دېگەن چاقىرىقلارغا «ھاياتىمدا ھېچقانداق بىر مۇسابىقىدىن چېكىنىپ چىقمىدىم. ناھايىتى كۈچلۈك قوللاشقا ئىگىمەن» دەپ جاۋاب قايتۇردى.

جۇمھۇرىيەتچى نامزات ترامپنىڭ «سەت» ۋە «قوپال» سۆزلىرىگە رەپىقىسى مېلانىيا ترامپمۇ نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «ئېرىمنىڭ سۆزلىرى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان يىرگىنچلىك سۆزلەردۇر. بۇلار مەن تونۇيدىغان ئادەمگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ» دېدى. ئەمما ئۇ، جەمئىيەتنىڭ يولدىشىغا بىر <لىدىر> دەپ قارايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ سورىغان كەچۈرۈمىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر