ياۋروپا قىيىن - قىستاق ئۈسكۈنىلىرى توغرىسىدا قارار ئېلان قىلدى

ياۋروپا پارلامېنتى، قىيىن – قىستاق ۋە ئۆلۈم جازالىرىنى ئىجرا قىلىشتا ئىشلىتىلىۋاتقان توكلۇق ئورۇندۇقلار بىلەن باشقا بىر قىسىم مۇناسىۋەتلىك ئەشيالارنىڭ سېتىلىشىنى مەنئى قىلدى.

583351
ياۋروپا قىيىن - قىستاق ئۈسكۈنىلىرى توغرىسىدا قارار ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەنىڭ سترازبۇرگ شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان ياۋروپا پارلامېنتى يىغىنىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 2005 – يىلىدىن بۇيان ئۆلۈم جازالىرىدا ئىشلىتىلىدىغان نەرسە – كېرەكلەرنى ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلغانلىقى خاتىرىلىتىپ ئۆتۈلدى. يىغىندا، «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ۋە قىيىن – قىستاققا قارشى ئىكەنلىكى، شۇڭا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋە بۇ دۆلەتلەردىكى سودا ئورگانلىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ۋە قىيىن – قىستاقتا ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ سودىسىنى قىلماسلىقى» كېرەكلىكى ئەسكەرتىلدى.

بېلەت تاشلاشتا 11 گە قارشى 612 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنغان لايىھەگە قارىغاندا، قىيىن – قىستاق ۋە ئۆلۈم جازالىرىدا ئىشلىتىلىدىغان توكلۇق ئورۇندۇقلار بىلەن بىر قىسىم تېببىي ئاپپاراتلارنى سېتىش، تارقىتىش ۋە ئىنتېرنېت ئارقىلىق تونۇشتۇرۇشقا بولمايدىكەن، قىيىن – قىستاق ۋە ناچار مۇئامىلىلەردە ئىشلىتىلىش مۇمكىنچىلىكى بار نەرسە – كېرەكلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى چېگرالىرىدىن ئۆتۈشىگىمۇ يول قويۇلمايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر