ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ PYD ۋە دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا بايانات بەردى

ئاق ساراي، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى كۈچلۈك شەكىلدە قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

557382
ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ PYD ۋە دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق ساراي باياناتچىسى جوش ئېرنېست، ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ئەنقەرە زىيارىتى جەريانىدا، دۆلىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ دېموكراتىك ھۆكۈمىتىنى كۈچلۈك شەكىلدە قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكرارلايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئېرنېست كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بايدىننىڭ زىيارىتىنىڭ ھەممىدىن مۇھىمى ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدېشى تۈركىيەنى كۈچلۈك شەكىلدە قوللايدىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، تۈركىيەدە 15 – ئىيۇلدا يۈز بەرگەن ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى ۋە ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى ئۇ كۈنلەردە قاتتىق ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، «بايدىن يەنە تۈركىيەنىڭ دائېشقا قارشى كۈرىشىگە ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن تاشلىغان قەدەملىرىنى قوللايدىغانلىقىمىزنى ۋە بۇنىڭدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىمىزنى يەتكۈزىدۇ» دېدى.

جوش ئېرنېست، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ كاتىۋېشى فەتھۇللاھ گۈلەننىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇشى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۆزلىرىگە يوللانغان ماتېرىياللارنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

گۈلەننىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇشىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى چىقىرىدىغان بىر قارار ئەمەسلىكىنى قەيت قىلغان ئېرنېست، بايدىننىڭ گۈلەننىڭ قايتۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى ئىككى تەرەپ كېلىشىمىگە رىئايە قىلىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىندا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى PYD ۋە دائېشنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى نىشانلىرىغا زەربە بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرمۇ كۈنتەرتىپكە كەلدى.

تۈركىيەنىڭ ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورىزمنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان خەۋپلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر رېئاللىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئاق ساراي باياناتچىسى، ئۆزلىرىنىڭ تېررورىزمنىڭ بارلىق تۈرلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ سېپىدە ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ كۈرەشنى قوللايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى ۋە دائېشقا قارشى كۈرەشنىڭ ھەممىنىڭ ئالدىنقى پىلاندىكى ئىشى بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

سۈرىيەدە 5 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش توغرىسىدىكى سوئاللارغىمۇ جاۋاب بەرگەن ئېرنېست، رۇسىيەنىڭ سۈرىيە ھاكىمىيىتىنى قوللاش يولىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى پاجىئەنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ھالدا، رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ دائېش ۋە ئاشقۇن كۈچلەرگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىشنىڭ قىيىن ئىكەنلىىكنى ئېيتتى.

ئېرنېست، رۇسىيەنىڭ سۈرىيە سىياسىتىنىڭ باشتىن تارتىپلا ئۇ دۆلەتتىكى پائالىيەتلىرى بىلەن زىت ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، «رۇسلار ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر