فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سومالىدىكى مەكتەپلىرى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىدۇ

تۈركىيەنىڭ موقدىشۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئولگان بەكار، فەتھۇللاھچىلارنىڭ سومالىدىكى مەكتەپلىرىنىڭ قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

556067
فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سومالىدىكى مەكتەپلىرى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ موقدىشۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئولگان بەكار، سومالى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پائالىيەتلىرى توختىتىپ قويۇلغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىق مەكتەپلەرنى سېنتەبىر ئېيىنىڭ بېشىدا قايتىدىن ئېچىشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

سومالى مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن ئىمزالىنىدىغان كېلىشىمنىڭ رۇھىغا ئاساسەن، بۇ مەكتەپلەرنىڭ تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بەكار، «بۇ مەكتەپلەردە بۇنىڭدىن كېيىن سۈپەتلىك تەلىم – تەربىيە بېرىلىدۇ» دېدى.

ئۇ، تەشكىلاتنىڭ ‹دەۋا دوختۇرخانىسى› نىڭ ئىسمىنىڭ ‹بەنادىر› غا ئۆزگەرتىلىدىغانلىقىنى ۋە دوختۇرخانىنىڭ موقدىشۇدىكى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دوختۇرخانىسىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ئىككى ھەپتە ئىچىدە پائالىيەتلىرىنى قايتىدىن باشلايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

باش ئەلچى بەكار يەنە تۈركىيەنىڭ سومالىغا سىياسىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى ۋە مۇقىملىق ئورنىتىشى ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ياردەمنى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

موقدىشۇدا 2011- يىلىدىن بۇيان پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 3 مەكتىپىدە 850 ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتاتتى. سومالى ھۆكۈمىتى 16 – ئىيۇلدا ‹نىل ئاكادېمىيەسى› نىڭ پائالىيەتلىرىنى توختىتىش ۋە خىزمەتچىلىرىنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە دۆلەتتىن چىقىپ كېتىشىنى قارار قىلغانىدى.

مەكتەپلەردە پەيدا بولغان ئوقۇتقۇچى بوشلۇقىنىڭ تۈرك ۋە يەرلىك ئوقۇتقۇچىلار بىلەن تولدۇرۇلۇشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر