«يامىنى كەلسە، باشقا بىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرىمىز»

رودرىگو دۇتەرتە: «يامىنى كەلسە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن چىقىپ كېتىپ، خىتاي ۋە ئافرىقا بىلەن باشقا بىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرىمىز» دېدى.

556280
«يامىنى كەلسە، باشقا بىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرىمىز»

رودرىگو دۇتەرتە: «يامىنى كەلسە، باشقا بىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرىمىز» دېدى 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىن پىرېزىدېنتى رودرىگو دۇتەرتە: «يامىنى كەلسە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن چىقىپ كېتىپ، خىتاي ۋە ئافرىقا بىلەن باشقا بىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرىمىز» دېدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىن پىرېزىدېنتى رودرىگو دۇتەرتەنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنى ئۆلتۈرۈش ھەققىدىكى تەلىماتلىرىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەنقىد قىلغان ئىدى. بۇنىڭغا غەزەبلەنگەن  رودرىگو دۇتەرتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، تېررورلۇق، ئاچارچىلىق ۋە ئۇرۇشلارنى توختىتىشتا يېتەرسىز قىلىۋاتقان بۇنداق تەشكىلاتتىن چېقىپ كېتىدىغانلىقى ھەققىدە ئالاھىدە ئاگاھلاندۈرۇشتا بولدى.

رودرىگو دۇتەرتە يامىنى كەلسە، خىتاي ۋە ئافرىقا بىلەن بىرلىكتە باشقا بىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇپ چىقىش چاقىرىقىدا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رودرىگو دۇتەرتە 9 – مايدىكى سايلامدا غەلىبە قىلىپ، پېرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن ساقچىلار بىلەن كەڭ خەلق ئاممىسىغا مەخسۇس چاقىرىق ئېلان قىلىپ، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىغان ئىدى.

ئۇ تەختكە ئولتۇرغان 9 – مايدىن بۇيان فىلىپپىندە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 900 دىن ئارتۇق كىشى ئۆلتۈرۈلدى. بۇنىڭغا قارىتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دۇتەرتەنى «خەلقئارا قانۇننى ئاياق ئاستى قىلدى» دەپ ئەيىبلىدى.

ئالدىنقى ھەپتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىككى مۇتەخەسسىسى دۇتەرتەنىڭ بەرگەن تەلىماتىنىڭ خەلقئارا قانۇندا زوراۋانلىققا ۋە جىنايەتكە رىغبەتلەندۈرۈش جىنايىتى دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.  

فىلىپپىن پىرېزىدېنتى رودرىگو دۇتەرتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلىرىگە «ئەخمەقلەر» دەپ ئىنكاس قايتۇردى ۋە «ئالدى بىلەن زەھەرلىك چېكىملىك سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانىغا قاراش» دېدى. 

رودرىگو دۇتەرتە مۇنداق دېدى:

«سىەنلەرنى بولۇشىغا ھاقارەتلەشنى خالايمەن، بەلكى يامىنى كەلسە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن چىقىش كېتىشكىمۇ توغرا كېلىشىمىز مۇمكىن. شۇنى ناھايىتى ياخشى بىلىسىلەركى، ئەگەر ماڭا بىر ئېغىز يامان گەپ قىلىشساڭ، مەن ئوننى قىلالايمەن. شۇنى دەپ قويايكى، سىلەر كارغا كەلمەيسىلەر، ئەگەر ۋەزىپەڭلارنى جايىدا ئورۇنداشقان  بولساڭلار، بۇ بارلىق ئۇرۇش ۋە ئۆلۈملەرنى توختىتىپ قالالىغان بولاتتىڭ» دېدى.

رودرىگو دۇتەرتە پىرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىشتىن ئىلگىرى 22 يىل بويىچە فىلىپپىننىڭ 3 – چوڭ شەھىرى داۋونىڭ شەھەر باشلىقى بولغان ھەمدە قاتتىق پوزىتسىيەسى ۋە قوپال مۇنازىرىلىرى بىلەن «جازالىغۇچى» دەپ نام ئالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر