فىرانسىيە پىرېزىدېنتى غازىئانتەپتە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇا ئولاند، غازىئانتەپتە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى «قاتتىق» ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

556193
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى غازىئانتەپتە مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېلىيسې سارىيى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «پىرېزىدېنت تۈنۈگۈن كەچتە بىر توي ئەسنادا يۈز بېرىپ، كەم دېگەندىمۇ 50 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلمەكتە. فىرانسىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈرك ئەمەلدارلارغا ۋە تۈرك خەلقىگە تەزىيەلىرىمىزنى بىلدۈرىمىز. تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق تەرەپلەر بىلەن بىر سەپتىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فرانسۇا ئولاند، غازىئانتەپتىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئالاقىدار تەزىيە تېلېگراممىسىنى رەسمىي تۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىقمۇ ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر