ئىران رۇسىيەنى ھەربىي بازا بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى رەت قىلدى

ئىران پارلامېنتى باشلىقى ئەلى لارىجانى، دۆلىتىنىڭ رۇسىيەگە سۈرىيەدىكى نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلىشى ئۈچۈن ھاۋا ئارمىيە بازىسى ئاجرىتىپ بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى.

553835
ئىران رۇسىيەنى ھەربىي بازا بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – ئىرنانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پارلامېنتتا سۆز قىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىك ۋە تاشقى سىياسەت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ھەشمەتۇللاھ فەلاھەتپىشەنىڭ ‹رۇس ئايروپىلانلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ غەربىدىكى ھەمەدان ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكى› نى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىن كېيىن، پارلامېنت باشلىقى لارىجانى سۆز قىلىپ، ئىراننىڭ رۇسىيەگە ھەربىي بازا بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

لارىجانى، ئىراندا بىر چەت دۆلەتنىڭ ھەربىي بازىسىنىڭ بولۇشىنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ 146 – ماددىسىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، «ئىران بىر ئىتتىپاقداش بولۇش سۈپىتى بىلەن رۇسىيە بىلەن سۈرىيە دېگەندەك رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە ھەمكارلىق ئورناتماقتا. بۇ ھەمكارلىق رۇسىيەگە ھەربىي بازا بەرگەنلىكىمىزنى كۆرسەتمەيدۇ. ئىران، رۇسىيە ياكى ھەرقانداق بىر دۆلەتكە ھەربىي بازا ئاجرىتىپ بەرمىدى» دېدى.

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، TU-22M3 ۋە SU-34 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىراننىڭ ھەمەدان ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن قوزغىلىپ، سۈرىيەدىكى نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر