يەمەننىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى كۈنسېرى ناچارلاشماقتا

يەمەن ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈش كومىتېتى دوكلات ئېلان قىلىپ، يەمەننىڭ نۆۋەتتىكى كىشىلىك ۋەزىيتىىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

545014
يەمەننىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى كۈنسېرى ناچارلاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندە ھۇسىيلار بىلەن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن پىرېزىدېنت ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ تەرەپدارى كۈچلەرنىڭ ئۆتكەن ئايدىكى ھۇجۇملىرىدا 75 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ھۆكۈمەتكە قاراشلىق «كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈش كومىتېتى» نىڭ دوكلاتىدا، «ھۇسىيلار بىلەن سالىھ تەرەپدارلىرى ئىيۇل ئېيىدا 75 ى پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈش بولۇپ جەمئىي 263 قېتىم كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلدى» دېيىلدى.

يەمەن رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى ـ سابا تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ مەزكۇر قىلمىشلارنىڭ «دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىنىشى، بالىلارغا قورال ئېتىشنى ئۆگىتىش، بولاڭچىلىق، ئۆي – ماكانلارنى پارتلىتىش، كۆچۈشكە مەجبۇرلاش ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

دوكلاتقا قارىتا نە ھۇسىيلار نە سالىھ تەرەپدارلىرى ھېچقانداق بايانات بەرمىدى.

بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ھۇسىيلار ۋە سالىھ تەرەپدارلىرى بىلەن ھۆكۈمەتكە قاراشلىق كۈچلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشلارغا سەھنە بولۇۋاتقان يەمەندە، ھۆكۈمەت دوكلاتلىرىغا قارىغاندا، 6400 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 31 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.

مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلار، يەمەننىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭ بارغانچە ناچارلىشىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر